تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەنە تۆت شىركىتىنى قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزمەكچى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە يەنە تۆت خىتاي شىركىتىنى قوشماقچى بولغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاشىنگتون ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، تۆت خىتاي شىركىتىنى «خىتاي ئارمىيەسى قوللىغان شىركەت» دەپ بېكىتمەكچى بولغان بولۇپ، بۇ قارا تىزىملىكنى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

تىرامپ ئالدىنقى پەيشەنبە مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى «خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىگىدارچىلىق قىلىنغان ياكى كونترول قىلىنغان» دەپ كۆرسىتىلگەن 31 خىتاي شىركىتىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن.

ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بۇيرۇقنىڭ دائىرىسى چەكلىك بولغاچقا، تىرامپنىڭ چەكلەش قارارى بۇ خىتاي شىركەتلىرىگە ئېغىر زەربە بېرىشى ناتايىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىركەتلەردە ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەبلىغى ناھايىتى ئاز ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى رەسمىي ماقۇللىسا، ئامېرىكا قازا تىزىملىككە كىرگۈزگەن خىتاي تېلېگراف شىركىتى ۋە خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 35كە كۆپىيىدىكەن.

بۇ خەۋەر 952 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2020 13:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق