خىتاينىڭ تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا تەشكىللەنگەن بىر راي سىناشتا تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىقلار: «خىتاي يەر شارىدىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېلىپ كەلگەن غايەت زور زىيىنى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشى كېرەك» دەپ قارىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ھەپتە ئامېرىكا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش شىركىتى راسمۇسېن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان راي سىناش نەتىجىسىدە %60 زىيارەت قىلىنغۇچى «خىتاي ھېچ بولمىغاندا خىتاي ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان غايەت زور ئۆلۈم ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيىنىنىڭ بىر قىسمىغا تۆلەم تۆلىشى كېرەك» دەپ قارىغان.

بۇ شىركەت 3-ئايدا ئوخشاش مەسىلىگە قارىتا تەشكىللىگەن تۇنجى راي سىناشتا %42 كىشى «خىتاي زىياننى تۆلىشى كېرەك» دەپ قارىغان. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈشتە ئوخشاش پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ نىسبىتى %53كە ئۆرلىگەن. خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زىيىنى ئارقىسىدا، ئامېرىكىدا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يۇقۇملىنىپ، 250 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان، زور تۈركۈمدىكى پۇقرالار ئىشسىز قالغان.

راسمۇسېن شىركىتىنىڭ 15-ۋە 16-نويابىر كۈنلىرى ئامېرىكا مەملىكەت مىقياسىدىكى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت %24 ئامېرىكىلىق خىتاي تۆلەم بەرمەسلىكى كېرەك، دەپ قارىغان. يەنە %16 كىشى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبىرى كاتو تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوگ باندوۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىشنىڭ كېچىكىشى كىشىلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ۋە خىتايدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش پىكىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. يەنە بىر ئامىل بولسا، تىرامپ ۋە بايدېن سايلام رىقابىتى جەريانىدا خىتاينى تەنقىدلەپ، بىر-بىرىنى خىتايغا قاتتىق قول بولمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. بۇمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتايغا قارشى كەيپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ۋاشىنگتون ئەقىل ئامبىرى «ئامېرىكا كارخانا ئاممىۋى سىياسەت تەتقىقات مەركىزى»نىڭ خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى ئىۋانا سترادنېر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سىرتقى دۇنياغا ۋاقتىدا خەۋەر بەرمىگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ خىتايدىن جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشنى پۈتۈنلەي مۆلچەرلىگىلى بولىدىغانلىقىنى، 2003-يىلى خىتايدا تارقالغان سارس ۋىرۇسىدىمۇ خىتاينىڭ قانۇن ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 939 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2020 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق