ئۇگاندادا قېزىلغان بىر قۇدۇققا ئۇيغۇر نامى بېرىلدى

ئۆزخەۋىرىمىز: سۇلتان فاتىھ جەمئىيىتى ئۇگاندادا يېڭىدىن قازغان سۇ قۇدۇقىغا «ئۇيغۇر-تۈرك قۇدۇقى» دەپ نام بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قۇدۇق ئۇگاندا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناۋىگاندا يېزىسى چاگوندا مەھەللىسىگە قېزىلغان. مەھەللىدە 700گە يېقىن ئاھالە ياشايدىغان بولۇپ، مەھەللىنىڭ ئىچىملىك سۈيى بىر يېرىم كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن. سۇلتان فاتىھ جەمئىيىتى ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قۇدۇق قېزىپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا «ئۇيغۇر-تۈرك قۇدۇقى» دەپ نام بەرگەن. قۇدۇقنىڭ تېشىغا يەنە تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى چاپلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە سۇلتان فاتىھ جەمئىيىتى يەنە «ئۇيغۇر-تۈرك» نامىدا مەسچىت بىنا قىلغان بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەزكۇر مەھەللىگە ئەڭ يېقىن ئىكەن.

ئۇگاندا جۇمھۇرىيىتى ئافرىقا قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. پۇقرالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىرىستىيان بولۇپ، مۇسۇلمانلار تەخمىنەن %14نى تەشكىل قىلىدۇ.

 

بۇ خەۋەر 1284 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2020 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق