تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلار 141 گە يەتتى

20-نويابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 5103كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 156 مىڭ 642 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 5103 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. بىر كۈن ئىچىدە يەنە 141 كىشى قازا قىلغان. كېسىلى ئېغىر بىمار 3990 غا يەتكەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 435 مىڭ 273 كە، قازا قىلغانلار 12مىڭ 83 كە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا باياناتىدا يەنە: «بىز يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا يەنىلا چەكلىمىلەرنى ئۆزلۈكىمىزدىن ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ھەممىمىز بىرلىكتە تەدبىر قوللانساق، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز چەكلىمە قويساق، ۋىرۇس بىلەن بولغان كۈرىشىمىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2020 13:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق