تەيۋەن ۋە ھىندىستان چېگراسى مەسىلىسىدە جىددىيلەشكەن خىتاي جىددىي قورال سېتىۋېلىشقا باشلىغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلا ۋاقىتتا خىتاي -ھىندىستان چېگراسى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن خىتاي تېزلىكتە رۇسىيەدىن تىك ئۇچار سېتىۋېلىشىنى قارار قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى تىركىشىش كۈچەيگەنلىك سەۋەبىدىن، خىتاي رۇسىيەدىن كەڭ كۆلەمدە تىك ئۇچار سېتىۋالغان. بۇ تىك ئۇچارلار تەيۋەن بوغۇزى، چىڭخەي-تىبەت ئېگىزلىكى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى قاتارلىق رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. رۇسىيە دۆلەت ئىلكىدىكى مۇھىم سانائەت كارخانىسى بولغان رۇسىيە تېخنىكا گۇرۇھى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ ، خىتاينىڭ بۇلتۇر رۇسىيە بىلەن توختام ئىمزالىغانلىقىنى ۋە جەمئىي 121 تىرانسپورت ۋە ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق گېزىتى بولغان «ئاخبارات» خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر تىك ئۇچار سودىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. بۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى Su-35 كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە S-400 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ قورال سودىسى ھېسابلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سېتىۋالغان 121 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ بىر قىسمى بىر قانچە خىل قورال ئېلىپ يۈرۈپ، قۇرۇقلۇقتا ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلالايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي يەنە 21 دانە ئانسات يېنىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى جىددىي بولۇپ، خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇش تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. شۇڭا بۇ تىك ئۇچار سودىسى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. بولۇپمۇ Mi-171 تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا 14ىگە رۇسىيەنىڭ VK-2500 ماتورى ئىشلىتىلگەن. بۇ ماتور خىتاي-ھىندىستان چېگراسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ياكى تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئىشلىتىشكە باب كېلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1067 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2020 12:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق