شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاقىۋىتى (2)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاقىۋىتى (2)

 

دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى

 

 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى پايتەخت غۇلجا شەھىرىنىڭ غەربىدىكى چوڭ مەيداندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا 10 مىڭلىغان كىشى قاتنىشىدۇ. بۇ مۇراسىمدا جۇمھۇر رەئىس ئېلىخان تۆرە سەھنىگە چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىگە تۇغ تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ئى. پولىنوف بولۇپ، مۇئاۋىن قوماندانلارغا زۇنۇن تىيىپ (1917-1984)، ئىسھاق بەگ مۇنۇنوفلار تەيىنلىنىدۇ. دۆلەت ئارمىيەسى قۇرۇلغان دەسلەپكى قەدەمدە سەككىز باتالىيون ، تۆت يىڭ، جەمئىي 15 مىڭ جەڭچى-ئوفىتسېردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇلار 14 قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرق، شىمال ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت ئۈچ سەپ بويىچە ئۇرۇش قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسى تاجاۋۇزچى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ئارمىيەسىگە قارشى ئۈچ لىنىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلايدۇ ۋە بارلىق ئۇرۇش سەپلىرىدە غەلىبە قىلىپ، 1945-يىلى يازدا ۋەتىنىمىزنىڭ غۇلجا، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق ئۈچ ۋىلايىتىنى تولۇق ئازاد قىلىدۇ.

 شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى بارلىق ئۇرۇش سەپلىرىدە خىتاي ئارمىيەسىگە قارشى غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، ئۈرۈمچىگە 140 كىلومېتىر كېلىدىغان ماناس دەرياسى بويىغىچە قوغلاپ كەلگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە ئامالسىز توختاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى بىلەن«ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ئىمزالاشقا مەجبۇرلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق، ئوبۇلخەيرى تۆرە، رەھىمجان سابىر ھاجىلارنى ئۈرۈمچىگە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. مىللەتچى خىتاي تەرەپ بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جاڭ جىجۇڭ (1890-1969) باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىدۇ. ھەر قېتىملىق سۆھبەت ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى سەككىز ئايغا سوزۇلغان سۆھبەت ئارقىلىق ئاخىرى 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى «11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى»گە ئىمزا قويىدۇ.

 

11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:

 

1. ھۆكۈمەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۆزلىرى ئىشىنىدىغان يەرلىك زاتلارنى مەمۇرىي ئەمەلدارلىققا سايلاش ھوقۇقىنى بېرىدۇ.

2. ھۆكۈمەت دىنىي كەمسىتىشنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە خەلققە تولۇق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىدۇ.

3. دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرىي ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ خەت-چەك ھۆججەتلىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا تۈزۈلىدۇ. خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان خەت ئالاقىلىرىدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

4. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەر مىللەت ئۆز تىلىدا دەرس ئوقۇيدۇ. ئەمما ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي يېزىقى ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرس قىلىنىدۇ.

5. ھۆكۈمەت مىللىي مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ ئەركىن راۋاجلاندۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

6. ھۆكۈمەت مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزۈش ۋە نۇتۇق سۆزلەش ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

7. ھۆكۈمەت خەلقتىن ئالىدىغان باجنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.

8. ھۆكۈمەت سودىگەرلەرگە ئىچكى ۋە تاشقى سودا ئەركىنلىكىنى بېرىدۇ. بىراق سودىگەرلەرمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىملىرىگە رىئايە قىلىشلىرى كېرەك.

9. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىنى مەركەز تولۇقلايدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى 25 كە قەدەر كۆپەيتىلىدۇ. بۇ ئەزالاردىن 10 كىشى مەركەز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قالغان 15 كىشىنى ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى خەلق ۋەكىللىرى سايلاپ كۆرسىتىدۇ ۋە مەركەز تەستىقلايدۇ.

10. يەرلىك خەلقلەرگە مىللىي ئارمىيە قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبى يەرلىك مۇسۇلمانلاردىن بولۇشى شەرت. بۇ مىللىي قىسىملار مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلۈش تەرتىپىگە مۇۋاپىق قايتا قۇرۇش يولى بىلەن تەشكىل قىلىنىدۇ.

11. ۋەقە يۈز بەرگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ھەر ئىككى تەرەپ قاماققا ئالغان كىشىلەر مەسىلە ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، ئون كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن ھەر قانداق باھانە-سەۋەب بىلەن كەمسىتىلمەسلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

بۇ تىنچلىق بىتىمىگە ئىمزا قويغۇچىلار:

 مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىلى - جاڭ جىجۇڭ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى - ئەخمەتجان قاسىمى، ئوبۇلخەيرى تۆرە، رەھىمجان سابىر ھاجى.

 

 «11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى» ئىمزالانغان ۋاقىت مىللەتچى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولۇپ جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى بارلىق ئۇرۇش سەپلىرىدە غەلىبە قىلىپ، شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىش ئۈچۈن تەييارلىنىپ بولغان ۋاقىت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەم ئارمىيەسى ئىچىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ بىتىمگە قوشۇلمايدۇ. بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ماناس دەرياسى بويىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئىچىدە 11 بىتىمگە قارشى چىققۇچىلار كۆپ بولىدۇ. ئەينى چاغدا 11 بىتىمنى ھەرقانداق قىلىپمۇ ئىدىيەسىدىن ئۆتكۈزەلمىگەن بەزى ئەسكەرلەر بۇ بىتىمگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ئېتىۋالغان ۋە ماناس دەرياسىغا ئۆزىنى ئېتىپ غەرق بولغان. بۇ ۋاقىتتا قوماندانلاردىن ئاخۇنوف ئەمەت (1915-1969) بولسا كۆپ قېتىم ئارمىيەنى باشلاپ ماناس دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئىستالىننىڭ ھەربىي جاسۇسلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى سەۋەبىدىن ئامالسىز قالغان ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ 3-يۆنىلىش قىسمى بولغان جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش سېپىنىڭ باش قوماندانى سوپاخۇن سۇۋۇرۇف (1915-2001) باي ناھىيەسى، ئاقسۇ كونىشەھەر ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلىپ، ئاقسۇ يېڭى شەھەرگە ھۇجۇم باشلىغان ۋاقىتتا، ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن خىتاي ئەسكەرلىرى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈرمىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۇچقۇنلار تەشكىلاتى»نىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشلىق، مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ 22 ئوت يۈرەك ئىنقىلابچىسىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.

سوپاخۇن سۇۋۇرۇف ئاقسۇ شەھىرىنى قورشاپ قاتتىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان، سېپىل ئىچىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرى ئاللىقاچان قېچىشقا تەييارلىق قىلىپ بولغان ۋاقىتتا، 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى «11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى» ئىمزالانغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قالغان سوپاخۇن سۇۋۇرۇف ئۇرۇشنى توختىتىپ، ئەسكەرلىرى بىلەن غۇلجىغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى تىنچلىق بىتىمىگە ئەمەل قىلغان بىلەن، مىللەتچى خىتاي ئەسكەرلىرى ئەمەل قىلماي، چېكىنىپ ماڭغان سوپاخۇن سۇۋۇرۇف قىسىملىرىغا قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان جەڭچى ۋە خەلق ناھەق قىرىلىپ كېتىدۇ.

بۇ جەرياندا رەئىس جۇمھۇر ئېلىخان تۆرە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرقانداق شارائىتتا، ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن ھەرقانداق كېلىشىم، بىتىم، توختاملارنىڭ تۈزۈلۈشىگە، ئىمزالىنىشىغا باشتىن-ئاخىر قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

بۇ بىتىمدىن كېيىن 1946-يىلى 6-ئايدا (بەزى مەنبەلەردە 7-ئاينىڭ 13-كۈنى دەپمۇ يېزىلغان) سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىگە بويسۇنمىغان جۇمھۇر رەئىس ئېلىخان تۆرەمنى غۇلجىدىكى سوۋېت ئەلچىخانىسىغا چاقىرىش باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، مەخپىي ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوغرىلاپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ بىر دەھشەت ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان بۇ پەسكەش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شان-شەرىپىگە قىلىنغان ئىنتايىن ئېغىر ھاقارەت، كەچۈرگۈسىز چوڭ جىنايەت ئىدى. تېخى يېڭىلا قۇرۇلغان ۋە دۇنيادا ھېچقانداق بىر دوستى، قوللىغۇچىسى بولمىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بولسا ئىستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ۋە تاجاۋۇزچى مىللەتچى خىتايدەك ئىككى چوڭ دۈشمىنى ئالدىدا ئامالسىز قالىدۇ.

بۇ تىراگېدىيەدىن كېيىن ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى كېڭىشىپ، 1946-يىلى 6-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلايدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى بىر موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىسمى نادىر ئاكا، ئاپىسىنىڭ ئىسمى شەرۋانىخان ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى 1934-يىلى ئاپىسى بىلەن تاشكەنت شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ، بۇ شەھەردىكى دارىلئېتامدا ئوقۇيدۇ. كېيىن ساگۇ ئىنستىتۇتىدا، 1937-يىلىدىن 1942-يىلىغىچە موسكۋا شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، بۇ مەكتەپلەرنى ناھايىتى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. ئەخمەتجان ئانا ۋەتىنىگە 1942-يىلى كەچ كۈزدە قايتىپ كېلىدۇ.

ئەخمەتجاننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى جاللات شېڭ شىسەينىڭ ناھايىتى قاتتىق غالجىرلاشقان ۋاقىتلىرى ئىدى. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىپ، ئۆزىنىڭ فامىلىسى (نادىر)نىڭ ئورنىغا تاغىسى ئۆمەرنىڭ فامىلىسى «قاسىم»نى قوللىنىپ، غۇلجىغا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ ئۆزىنى «ئەخمەتجان قاسىمى» دەپ ئاتايدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمى 1943-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە بىر يىل ياتقاندىن كېيىن تۈرمىدىن چىقىدۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىققان كۈنى كەچتە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى 1870-1955) ئۇنى چاقىرتىپ كېلىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە غۇلجىغا سالامەت قاچۇرۇۋېتىدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەلقنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئورتاق بولىدۇ، مەدىكار بازىرىغا بېرىپ مەدىكارچىلىق قىلىدۇ. كېيىن ئەينەكچىلىك ۋە كۆمۈرچىلىك قىلىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ، ئەقلى ئويغاق، ئىدىيەسى ئىلغار نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئۆز خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۇچۇن كېچە-كۈندۈز دېمەستىن تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمى ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتكە يېقىنلىشىپ، ئىشنى ئالدى بىلەن ئاشپەز ئۇستاملارغا شاگىرت بولۇشتىن باشلايدۇ. كۆپ ئۆتمەي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھەر جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن، قابىلىيەتلىك، سەمىمىي بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن تەھرىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ 2-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلىنىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەت ئەزاسى، ھەربىي ئىشلار ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى... قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى ئوتتۇرا بوي، كېلىشكەن، بۇغداي ئۆڭ، كۆز-قاشلىرى توم ۋە قارا، قىسقا بۇرۇتلۇق، كۆرۈنۈشى يېقىملىق، سېخى تەبىئەتلىك كىشى ئىدى. شۇنداقلا ئۇ ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىنساپ-دىيانەتلىك، ۋەزمىن، ئېغىر-بېسىق، سەمىمىي كىشى ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئالىي مەلۇماتلىق بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىخىنى خېلىلا چوڭقۇر ئۆگەنگەن، ئۇيۇشتۇرۇش، تەشكىللەش قابىلىيىتىگە ئىگە بىر بىلىملىك كىشى ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى تىنچلىق بىتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، 1946-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى» بولىدۇ.

1947-يىلى 8-ئايدا مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە يالغان نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە ماناس دەرياسى بويىدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تىيىپكە يېتىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان زۇنۇن تىيىپ دۆلەت ئارمىيەسىنى جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزۈپ، مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەگەر ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ بىر تال مويىغا زىيان يەتكۈزسە، «11 بىتىم»، «سوۋېت ئىتتىپاقى» دەپ ئولتۇرماي، ماناس دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەخمەتجان قاسىمىلارغا سۇيىقەست قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمى 1947-يىلى 8-ئايدا تىنچلىق بىتىمى بۇزۇلۇپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارچىلانغاندىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

 

داۋامى بار...

 

- «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتابتىن قىسقارتىپ تەييارلاندى

 

 

بۇ خەۋەر 1442 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2020 18:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق