نېپال مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلدى

نېپال خەۋەر مەركىزى تورىنىڭ 19- نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نېپال ئۆلىمالار جەمئىيىتى نېپالنىڭ بىرگۈنج ناھىيەسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نامايىشچىلار قوللىرىدا «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدايلى!»، «خىتاي! ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى توختات!» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى شوئار توۋلىغان.

نامايىشتىن كېيىن غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار بىرگۇنج ناھىيەلىك باش ئىش بېجىرىش ئىشخانىسىغا خىتايغا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاش ھەققىدە مەكتۇپ سۇنغان. مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكى تىلغا ئېلىنغان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى باستۇرۇشىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى پەيشەنبە نېپال ئۆلىمالار جەمئىيىتى يەنە كاتماندۇ ۋە رۇپاندېخىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشتىن كېيىن خىتاينىڭ كاتماندۇدىكى باش ئەلچىخانىسىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن مەكتۇپ تاپشۇرۇلغان.

 

بۇ خەۋەر 853 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2020 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق