شەرقىي تۈركىستانلىق ئانىلار قان يىغلىماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار كۆرگۈچىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى ئەزدى. بىر سىندا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى بىلەن خىتاي ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشنىڭ ئانىسى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈۋاتقانلىقى، ياشىنىپ قالغان ئانىنىڭ دوختۇرخانا ياتىقىدا بالىسىغا قاراپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر سىندا بولسا ياشانغان ئانىسىنىڭ دوختۇرخانا ياتىقىدا سۈنئىي نەپەسلەندۈرگۈچ بىلەن نەپەسلەندۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئوغلى بولسا ئانىسىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا قېشىدا بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئامالسىزلىق يىغلاۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرى، مەجبۇرى ئەمگەك ۋە جازا لاگېرى قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن، نورمال ھايات كەچۈرۈشتىن مەھرۇم قىلماقتا. شۇنداقلا قاتمۇ قات چەكلىمىلەردىن ئۆتۈپ، سىرتقى دۇنياغا تارقالغان ئازغىنە سۈرەت ۋە سىنلار خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى پاش قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 3318 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2020 13:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق