ھىندونېزىيەدىكى ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى

19-نويابىر شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن بىر ھەيئەت ھىندونېزىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، باش ئەلچى لالۇ مۇھەممەد ئىقبالنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت جەريانىدا جەمئىيەت ۋەكىللىرى باش ئەلچى مۇھەممەد ئىقبالدىن ھىندونېزىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەخمەت مەخمۇت، ئابدۇلباسىت تۈزەر ۋە ئابدۇللاھ بايرام قاتارلىق ئۈچ ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان-قايتۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى بايان قىلغان.

باش ئەلچى مۇھەممەد ئىقبال بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى ئاي بۇرۇن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا ھازىرنىڭ ئۆزىدە يەنە ئىككى شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ھىندونېزىيە تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.

باش ئەلچى قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۈچ ئۇيغۇر ياشنىڭ ھىندونېزىيە چېگراسىغا كىرگەندىن كېيىن، دۆلەتكە قارشى كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان دەپ قارىلىپ، شۇ سەۋەبلىك ھىندونېزىيە قانۇنى بويىچە جازالانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي گىراژدانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بۇ جاۋابقا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن. شۇنداقلا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقىشىنى ۋە قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ھەيئەت يەنە ھازىر ھىندونېزىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنى يوقلاپ كېلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن ۋە تەييارلىغان دوكلات ۋە تەلەپ خەتلىرىنى باش ئەلچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. باش ئەلچى بۇلارنى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالدىنقى كۈنلەردە ھىندونېزىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەرلەر تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە قاتتىق ئەندىشە قوزغالغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ خەۋەرنىڭ رەسمىي دەلىللىنىشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پەرىشان قىلماقتا.

 

بۇ خەۋەر 891 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2020 11:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق