كانادا ئاۋام پالاتاسىدا خۇاۋېينىڭ 5G تېخنىكىسىنى چەكلەش قارارى ماقۇللاندى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 19-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا ئاۋام پالاتاسى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G تورى تېخنىكىسىنى كانادادا ئىشلىتىشنى چەكلەش قارارىنى ماقۇللىغان، شۇنداقلا خىتاي تەھدىتى ھەققىدىكى يېڭى بىر تەكلىپ لايىھەسىدە بىرلىككە كەلگەن.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسى رەسمىي تور بېتىدە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خۇاۋېينىڭ ئۆزى تەرەققىي قىلغان خۇسۇسىي كارخانا ئىكەنلىكىنى، كانادادا تىجارەت قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولغانلىقىنى، كانادانىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشقانلىقىنى، كانادانىڭ ئۇنى ئادىل، كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدىغان سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا كانادانىڭ بىر قىسىم سىياسىيونلىرىنى خىتايغا تۆھمەت چاپلىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا ئۆكتىچى پارتىيەسى چارشەنبە كۈنى تىرۇدو ھۆكۈمىتىنى خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي شىركىتى خۇاۋېينىڭ 5G تورى تېخنىكىسىنىڭ كانادادا ئىشلىتىلىشىنى رەسمىي چەكلەشمۇ بار ئىكەن. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆكتىچى پارتىيەلەر چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان بىر تەكلىپنى ماقۇللىغان بولۇپ، مەزكۇر تەكلىپتە خىتاينىڭ كانادانىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىغا تەھدىت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ھەمدە كانادا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە پىلان تۈزۈپ، خىتاينىڭ كانادادا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سودا ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىلغان.

بۇ خەۋەر 903 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2020 11:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق