ئامېرىكا قوماندانى ياپونىيە-ئاۋسترالىيە مۇداپىئە كېلىشىمىنى ئالقىشلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يېقىندا ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا يەتتىنچى فىلوتىنىڭ قوماندانى ۋىليام مېرز پەيشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن تاراتقۇ سۆھبەت يىغىنىدا، ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ خىل كېلىشىم ھەقىقەتەن ئىنتايىن پايدىلىق، شۇنداقلا رايوندىكى بارلىق كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدۇ. بىز بۇ كېلىشىمنى قاتتىق قوللايمىز ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە مەشىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىخىدې سۇگا سەيشەنبە كۈنى توكيودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسون بىلەن ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاپ ، ئىككى ئارمىيەنى زىيارەت قىلىش ۋە بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت كېلىشىمىنىڭ قانۇنىي رامكىسىنى ئورناتقان.

خىتاي مەزكۇر مۇداپىئە كېلىشىمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىشقا سېلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش يەنە بىر ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى «ئۆزئارا رۇخسەت كېلىشىمى» ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىككى ئىتتىپاقدىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەيدىكەن.

بۇ خەۋەر 832 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2020 11:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق