لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىل خانىم «شەرەپ مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

14-نويابىر كۈنى تۈركىيە سائادەت پارتىيەسى ئاياللار خىزمىتى قىسمىنىڭ تەشكىللىشىدە «ھاياتقا تۆھپە قوشقان ئاياللار» ناملىق مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە شەخسلەر ئالتە تۈرگە بۆلۈنۈپ مۇكاپاتلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن «شەرەپ مۇكاپاتى» تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، جازا لاگېرىنىڭ تىرىك شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان گۈلباھار جېلىل خانىمغا بېرىلدى. مۇكاپاتنى ئاياللار خىزمىتى باشلىقى ئەبرۇ ئاسىلتۈرك خانىم گۈلباھار خانىمنىڭ ئوغلىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

سائادەت پارتىيەسى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا 16 ئاي قامالغان گۈلباھار جېلىل خانىمنىڭ مىڭبىر جاپادا خىتاينىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۆز زىممىسىگە چۈشكەن ۋىجدانىي بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلاردىكى بارلىق رەزىل قىلمىشلىرىنى، ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، ئۇيغۇرلارنى قانداق ئۇسۇلدا قىرىۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1296 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2020 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق