رۇسىيەنىڭ خىتاي ئەندىشىسى كۈچەيمەكتە

«ياۋرو-ئاسىيا كۈندىلىك نازارەتچى گېزىتى» نىڭ 18-نويابىر ئېلان قىلغان ماقالىسىدە رۇسىيەنىڭ خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ ۋاسىتىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى خىتايلاشتۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەرەققىياتىغا ئىزچىل دىققەت كېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى ئاجىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ غەربكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى ھەرىكىتى رۇسىيەگە نىسبەتەن تەھدىتكە ئايلىنىشقا باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەدىكى تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان. رۇسىيە ئاكادېمىكلىرى «كەلگۈسىدە ھەر قانداق بىر رايوندا تەسىر كۈچنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن سودا ۋە ھەربىي ھەرىكەتتىن باشقا، مەدەنىيەت مۇھىم ئورۇنغا تۇرىدۇ» دەپ قارىغان.

بۇ خەۋەر 904 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2020 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق