تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلار 116 گە يەتتى

18-نويابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 4215 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 158 مىڭ 811 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 4215 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. بىر كۈن ئىچىدە يەنە 116 كىشى قازا قىلغان. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە 2592 كىشى ساقىيىپ، دوختۇرخانىدىن چىققان.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 361 مىڭ 655 كە يەتكەن.

يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى قايتىدىن كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ سەۋەبلىك تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەپتىدىن باشلاپ، قايتىدىن سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى يولغا قويدى.

بۇ خەۋەر 923 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2020 13:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق