خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى يېڭى ۋاسىتە بىلەن بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشقا باشلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا بايلىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش مەقسىتىدە تاشيول تىرانسپورتىنى تۆمۈريول تىرانسپورتىغا ئۆزگەرتكەن.

خىتايدىكى پاختا سودىسى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە تۆمۈريول تىرانسپورتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلغان پاختا بىر مىليون 890 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 470 مىڭ توننا ئاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2019-يىلى خىتاي پاختا سودىسى بازىرى بىلەن خىتاي تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تېخىمۇ كۆپلەپ توشۇش مەقسىتىدە «تاشيول تىرانسپورتىنى تۆمۈريول تىرانسپورتىغا ئۆزگەرتىش» توغرىسىدا ھەمكارلىق ئورناتقان. ئىككى تەرەپ تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ نۇرغۇن ھالقىلىرىنى ئورتاق ئەلالاشتۇرۇپ، غەيرىي مەخسۇس لىنىيە ئىسكىلاتىنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورتى قۇرۇپ چىققان. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى 45 ئورۇندىكى پاختىنى كەسپىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئامبىرى تۆمۈريول ئاساسىي كەسىپ يۈك مەيدانىنى قاپلىغان تۆمۈريولى ئارقىلىق توشۇش سىستېمىسى ئورناتقان.

شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۆمۈريول ئارقىلىق توشۇلغان پاختا مىقدارى 2013-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تاشيول ئارقىلىق توشۇش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «تاشيول تىرانسپورتىنى تۆمۈريول تىرانسپورتىغا ئۆزگەرتىش» ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە پاختا كەسپىگە چېتىشلىق كارخانىدىن 200دىن كۆپرەكى يېڭىدىن كۆپەيگەن.

بۇ خەۋەر 2968 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2020 12:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق