قىشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئەندىشە قوزغىماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان، خىتاي ئوقۇتقۇچىلار يازغان بىر پارچە ئىلتىجا خېتى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىچىك بالىلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ بەردى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زور تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىشى نەتىجىسىدە ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ، قارىغۇچىسىز قالغان كىچىك بالىلار قىيىن كۈنگە قالماقتا.

مەزكۇر خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «كىمدە كونا كىيىملەر بار بولسا، تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ... بىز خوتەن ۋىلايىتىدە مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن ليۇ چاڭخەي ۋە جاۋ بېيجىڭ. بىزنىڭ مەكتەپتىكى بالىلار كىيىمگە بەك ئېھتىياجلىق، چۈنكى ئىنتايىن نامرات بولغاچقا، كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ سېتىۋالالمايدۇ، بولۇپمۇ قىشتا. ھازىر بۇ يەر نۆلدىن تۆۋەن يەتتە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 15-16 گىرادۇسقا چۈشىدۇ. ئەمما بالىلار يەنىلا شۇنداق نېپىز كىيىنىۋالغان، كىيىم-كېچەك، ئاياغلىرى يىرتىق... ئەگەر ئەتراپىڭىزدا ئالتە ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كونا كىيىملىرى ۋە ئاياغلىرى بولسا، پاكىز يۇيۇۋېتىپلا، ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ».

مەزمۇنغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر خەتنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدىكى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككى خىتاي ئوقۇتقۇچىسى يازغان.

گەرچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاستىدا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقى، بېيىش يولىغا قەدەم قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىلجىرلاپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 2908 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2020 15:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق