جازا لاگېرىدىن چىققانلارنىڭ يەنە بىر ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشى تارقالدى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا جازا لاگېرىدىن چىققان، دەپ قارالغان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشى تارقالدى. مەزكۇر سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ بىر تېرە، بىر ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالغان، ماڭالماس بولۇپ قالغان دادىسىنى ھويلىسىدا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان سىنلار ۋە سۈرەتلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بولۇپ، كۆرگۈچىلەرگە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىست گېرمانىيەنىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئەسلەتكەن ئىدى.

خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز ھالدا تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە قىيىن-قىستاققا ئالماقتا. گەرچە خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىنى «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاشكارىلىنىۋاتقان كۈچلۈك ئىسپاتلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 3125 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2020 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق