چاقماق خەۋەر

تەيۋەننىڭ «F-16» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەننىڭ «F-16» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى 17-نويابىر كېچىدە ئۇچۇش مەشىقى قىلىۋېتىپ، تۇيۇقسىز راداردىن يوقاپ كەتكەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن تەيۋەننىڭ «F-16» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى كەچلىك ئۇچۇش مەشىقى ئۈچۈن كەچ سائەت ئالتىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە خۇاليەندىن ئۇچقان ۋە ئالتىدىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە راداردىن غايىب بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە تەۋە قارا بۈركۈت قىسمى كېچىدە ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇشنى باشلىغان. تەيۋەن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بەشىنچى تارماق ئەترىتى ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا تەپسىلاتلارنىڭ تېخىچە تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 314 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2020 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق