شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاقىۋىتى (1)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاقىۋىتى (1)

 

رۇسلار 1933-يىلى 4-ئايدا جىن شۇرىننىڭ ئورنىغا شېڭ شىسەي (1897-1970)نى «دۇبەن» (نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى) ئۇنۋانى بىلەن ئۈرۈمچىگە ھاكىم قىلىپ ئولتۇرغۇزىدۇ. شېڭ شىسەي شۇنىڭدىن كېيىن خوجىنىياز ھاجىم بىلەن توختام تۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارزۇسى بويىچە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق يوقاتقاندىن كېيىن 1937-يىلى خوجىنىياز ھاجىمنى تۇتقۇن قىلىپ، 1938-يىلى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان نامدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەمەلىيەتتە بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا 1937-يىلىدىن باشلاپ 1944-يىلىغىچە مۇستەبىت شېڭ شىسەي قانلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. بۇ جەرياندا شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن كۆپلىگەن گۇناھسىز ئىنسانلار ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستان خەلقى قولغا ئېلىنىپ، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغاندىن باشقا، ئۆزلىرى ئىنتايىن ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدۇ. كېيىنچە تۇتقۇن قىلىنغان شۇنچە ئىنسانلار ئىچىدىن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ھايات قالىدۇ.

1942-يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)نىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. 1944-يىلى 8-ئايدا جاڭكەيشى شېڭ شىسەينى ئېلىپ كېتىدۇ. شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن بۇلاپ-تالىغان ھەددى-ھېسابسىز بايلىقلاردىن باشقا، يەنە ئەڭ ئاز دېگەندە ئون توننا ساپ ئالتۇننى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئەمما شېڭ شىسەي كەتكەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچى خىتاينىڭ قانلىق سىياسىتى ئوخشاشلا داۋام قىلىدۇ. چۈنكى شېڭ شىسەينىڭمۇ، مىللەتچى خىتاينىڭمۇ بىر-بىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق بولۇپ، ئوخشاشلا خىتاي، ئوخشاشلا تاجاۋۇزچىلار ئىدى.

شېڭ شىسەي ۋە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)دىن ئىبارەت مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ چېكىدىن ئېشىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى قوراللىق ھەرىكەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ. 1940-يىللىرىدىن باشلاپ غۇلجىنىڭ نىلقا تاغلىرىدا پاتىخ باتۇر (تاتار 1906-1975)، ئەكبەر باتۇر (قازاق 1917-1944)، غېنى باتۇر (1902-1981)، قۇربان بۇرھانىدىنوف، نۇر ئوبۇلۇف، ھوشۇر مامۇتوف، خەمىت مۇسلىمۇف... قاتارلىق قوراللىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى بارلىققا كېلىدۇ. خىتاي كېيىن بۇلارنى ئۆز خەلقىگە يامان كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالتە ئوغرى دەپ ئاتايدۇ.

1944-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە غۇلجا شەھىرىدە 12 كىشى تەرىپىدىن مەخپىي ھالدا تاجاۋۇزچى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)غا قارشى «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ئىسىملىك بىر تەشكىلات قۇرۇلىدۇ.

 بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئىسمى ۋە بەزى مەلۇماتلار 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان مەخپىي دوكلاتتا تۆۋەندىكىدەك يېزىلغان:

1. ئېلىخان تۆرە (ئۆزبېك، 1885-1976)، 30 نەچچە يېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستانغا) كەلگەن، تەسىرى كۈچلۈك دىنىي ئۆلىما.

2. ئابدۇكېرىم ئابباسوف (ئۇيغۇر، 1921-1949)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، 20 نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستانغا) قايتىپ كەلگەن.

3. قاسىمجان قەمبىرى (ئۇيغۇر 1910-1956)، شائىر.

4.مەھمۇتجان مەخسۇم (ئۇيغۇر)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، ئون نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستانغا) كۆچۈپ كەلگەن، زىيالىي.

5. جانى يولداشوف (ئۇيغۇر)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، 20 نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستانغا) قايتىپ كەلگەن.

6. رەھىمجان سابىرھاجى (ئۇيغۇر 1906-1973)، ئىلىدىكى چوڭ سودىگەر، كاپىتالىست ئائىلىسىدىن.

7. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم (ئۇيغۇر)، ئۆلىما، سودىگەر، كاپىتالىست.

8. سالمان سالىجان (ئۆزبېك)، باي، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، كېيىن شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستانغا) كۆچۈپ كەلگەن، چوڭ سودىگەر، كاپىتالىست، زېمىندار.

9. زۇنۇن تىيىپ (ئۇيغۇر 1917-1984). سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان، سوۋېت پۇقراسى، زىيالىي.

10. ئۆمەرجان (ئۇيغۇر).

11. مۇھىمىدىن (ئۇيغۇر).

12. نۇردىن بەگ (ئۇيغۇر).

 يۇقىرىقى دوكلاتتا تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:

بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز. ئىككىنچى، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، داغىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەر. ئۈچىنچى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ تۇپراقنى شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ غەربىي قىسمى قىلىۋالغان، ئۇلارغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ھاياتىدىن ئايرىلغان. تۆتىنچى، 1937-يىلىدىن باشلاپ شېڭ شىسەينىڭ باستۇرۇشىدا خوجىنىياز ھاجى (1889-1938) ۋە شەرىپخان قاتارلىق مىللىي رەھبەرلەر ئۆلتۈرۈلگەن. بەشىنچى، خىتاي ئىستىلاچىلىرى مۇستەملىكىسى شىنجاڭغا خىتاي ۋە شەرقىي شىماللىق كۆچمەنلىرىنى يۆتكىدى.

 تەشكىلات قانۇنىدا تۆۋەندىكى ماددىلار ئېنىق بېكىتىلگەن:

تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى بولسا، بىرىنچى، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىش. ئىككىنچى، مىللەتلەرنى باراۋەر قىلىش. ئۈچىنچى، دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇش. تۆتىنچى، يەرلىك ئەمەلدارلار سايلام ئارقىلىق سايلىنىش. بەشىنچى، مىللەتلەر مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئالتىنچى، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. يەتتىنچى، ساقچى تۈزۈمىنى بىكار قىلىش. سەككىزىنچى، سىياسىي ئەركىنلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. توققۇزىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش. ئونىنچى، باجنى ئازايتىش. ئون بىرىنچى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. ئون ئىككىنچى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش. ئون ئۈچىنچى، دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئون تۆتىنچى، ھاشارنى (ھەقسىز ئىشلەش) بىكار قىلىش. (بەزى مەنبەلەردە تەشكىلات باشلىقىنىڭ ئېلىخان تۆرە ئىكەنلىكى يېزىلغان).

 شەرقىي تۈركىستان قوراللىق ئىنقىلابى دەسلەپتە 1944-يىلى پاتىخ، ئەكبەر، غېنى باتۇرلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدىكى ئۇلاستاي دېگەن يەردىن باشلىنىدۇ. پارتىزانلار پارتىزانلىق ئىشتابى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۈچكە بۆلۈنۈپ،بىرىنچى قىسىمغا ئەكبەر، ئىككىنچى قىسىمغا غېنى، ئۈچىنچى قىسىمغا تۈگمەنچى رۇس ئىۋان مەسئۇل بولىدۇ. ھەربىر قىسىمىدا 200 دىن پارتىزان بار ئىدى. 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى قوزغىلاڭچىلار نىلقىغا بېسىپ كىرىدۇ.

 پارتىزانلار كېيىن ئارشاڭ ناھىيەسىنى ئازاد قىلىدۇ ۋە 11-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. غېنى باتۇر 11-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىسى يىگىرمىگە يېقىن پارتىزاننى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، تاڭ ئاتقۇچە شەھەردىكى توپىدەڭ ساقچىخانىسىغا يېتىپ كېلىپ، ساقچىخانا ۋە تۈرمىلەرنى پاچاقلاپ تاشلاپ، پاتىخ باتۇرنىڭ تۈرمىدىكى ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى قاتارلىق 30 نەچچە كىشىنى سالامەت قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.

11-ئاينىڭ 7-كۈنى غۇلجا شەھىرى خىتايلاردىن ئاساسىي جەھەتتىن ئازاد قىلىنىدۇ. رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ غۇلجا ئالتىشوئار مەھەللىسىدىكى ئۆيى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ۋاقىتلىق قوماندانلىق ئىشتابى قىلىنىدۇ. كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن رەھبەرلەر ئۆزئارا كېڭىشىپ، قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەتنىڭ جۇمھۇر باشلىقلىقىغا ئېلىخان تۆرىنى سايلايدۇ.

ئېلىخان تۆرە (ئەدەبىي تەخەللۇسى ساغۇنى، 1885-1976) ئۆزبېك بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا تۇنجى قېتىم 1916-يىلى كەلگەن ئىدى. ئىككىنچى قېتىم 1920-يىلى كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم غۇلجىدا ماكانلىشىپ قالىدۇ. ئېلىخان تۆرىنىڭ ئۆيى ھازىرقى 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مەھەللىدە بولۇپ، بۇ مەھەللە كېيىنچە «تۆرەم مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېلىخان تۆرە 1937-يىلىدىن 1941-يىلىغىچە جاللات شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ياتىدۇ. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ تونۇلغان دىنىي ئالىم بولۇپ خەلق ئىچىدە تەسىرى كۈچلۈك كىشى ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تېۋىپلىقتىنمۇ خەۋىرى بار بولۇپ، كۆپنى كۆرگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭرى، بىلىملىك كىشى ئىدى.

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

 

1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە مىڭلىغان خەلق قاتناشقان داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىلىدۇ. ئېلىخان تۆرە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، خەلققە خىتاب قىلغاندىن كېيىن، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

دۆلەت ئىسمى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى.

دۆلەت بايرىقى: ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايراق.

دۆلەت گېربى: تېگى ئاق رەختكە يېزىلغان فاتىھە سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتى.

دۆلەتنىڭ پايتەختى: غۇلجا شەھىرى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى: ئېلىخان تۆرە (ئۆزبېك).

ئوبۇلخەيرى تۆرە (1890-1970) مۇئاۋىن رەئىس

ھاكىمبەگ خوجا (1871-1957) مۇئاۋىن رەئىس

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم (1914-2005) باش كاتىپ

ئابدۇكېرىم ئابباسوف (1921-1949) ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى

رەھىمجان سابىر ھاجى (1906-1973) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى

 قاسىمجان قەمبىرى (1910-1956) كادىرلار بۆلۈم باشلىقى

مويدىن شەيخ،

زۇنۇن تىيىپ (1917-1984)

ئەنۋەر مۇساباي (1916-1995)

ھەبىب يۇنچى: مائارىپ نازىرى

سالىخ جانباي: يېزا ئىگىلىك نازىرى

مۇھەممەتجان مەخدۇم: ئالىي سوت باشلىقى

1945-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىدا توققۇز ماددىلىق سىياسىي خىتابنامە ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ توققۇز ماددىلىق خىتابنامە تۆۋەندىكىچە:

1. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىش.

2. شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش.

3. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇش.

4. ھەممە مىللەت ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش.

5. دېموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا خەلق ئىشەنگەن كىشىلەرنى سايلاش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىش.

6. سانائەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە سودا تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش.

7. مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە سەھىيە ئىشلىرىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش.

8. دۇنيادىكى خەلقچىل دۆلەتلەر بىلەن، ئەڭ ئاۋۋال سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش.

9. ئەينى زاماندا خىتاي دۆلىتى بىلەنمۇ دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتىش.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىستىن باشلاپ، ھەرقايسى مىنىستىرلىككىچە بولغان بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە رەھبەرلەر جىددىي تۇتۇش قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە ئۆز خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ.

 

داۋامى بار...

 

-        «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتابتىن قىسقارتىپ تەييارلاندى.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1541 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2020 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق