شەرقىي تۈركىستاندىن ياردەم تەلەپ قىلىنغان خەت كەلدى

16-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر پارچە ياردەم تەلەپ قىلىش خېتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئارسلان ئىسىملىك رۇس ياش خىتايدىن «The North Face» ماركىلىق ئاياغدىن بىرنى بۇيرۇتۇپ سېتىۋالغان ۋە ئاياغنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ئىچىدىن بىر كىچىك قەغەزگە يېزىلغان ياردەم تەلەپ قىلىش خېتى چىققان. مەزكۇر ۋاراقچىدا: «قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، مەن خىتاينىڭ تۈرمىسىدە، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار» دېگەن سۆزلەر ئىنگلىزچە يېزىلغان.

ئۇ بۇ خەتنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال ئاياغنى ئەكېلىپ بەرگۈچى ۋە دۇكان ئىگىسى بىلەن ئالاقىلاشقان، لېكىن ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ياردەم خېتىنىڭ راستلىقىنى ۋە يازغان كىشىنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، رۇسىيەدىكى «مويكا مەززىلىك تائاملىرى» ناملىق بىر تېلېگرام قانىلىدا تارقاتقان.

نۆۋەتتە بۇ خەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا چېتىشلىق خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يازغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، بۇ خەتكە ئوخشاش ئاشكارىلىنىۋاتقان ئىسپاتلار خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى دۇنياغا پاش قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 3085 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2020 15:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق