ئامېرىكا ئەلچىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى رامىزان ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا ئەلچىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى رامىزان ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى

30-ماي ئامېرىكىنىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تىۋىتتېر ھېسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى رامىزان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر يوللىغان.
ئۇچۇردا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «رامىزان ئېيىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا سالامەتلىك، ئۈمىد تىلەيمىز. بولۇپمۇ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) رايونىدىكى ئۆز ئېتىقادى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئالاھىدە ئەسلەيمىز».
بۇ يىل رامىزاندا ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشتىن مەھرۇم بولغانلىقى ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرۇلۇق تىۋىتتېر ۋە فېيسبۇك سەھىپىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇر يوللىدى.

بۇ خەۋەر 11246 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2019 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق