سابىت داموللام ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (1)

سابىت داموللام ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (1)

  

تارىخ ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسىدۇر. ئىنسانىيەت تارىخىدا شانلىق تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان، ئۆز تارىخىنى تارىخ بېتىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازالىغان ۋە بۇ تارىخىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلەلىگەن ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىمۇ پارلاق بولىدۇ. «تارىخ كۆپچىلىك كىشىلەرنى ئۆتكەن ۋەقەلەردىن خەۋەردار قىلىدۇ. ئايرىم كىشىلەرنى يوشۇرۇن سىرلاردىن خەۋەردار قىلىدۇ، تارىخ ئىشىدا ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك».

شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان زىيالىيلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيىتى بار. بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرەتمىگەن ئەدىبنى مىللىتىمىزنىڭ كەچۈرمەسلىككە ھەققى بار.

 

دۆلەت ئاتىسى سابىت داموللام

 20-ئەسىر تارىخىدا ئۇيغۇر مىللىتىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر سىياسەتچى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، بۈيۈك ئىسلام ئالىمى، دۆلەت ئاتىسى سابىت داموللام 1883-يىلى ئاتۇشتىكى ئابدۇلباقى ئىسىملىك سودىگەرنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

 سابىت داموللامنىڭ تولۇق ئىسمى سابىت داموللام ئابدۇلباقى كامالى بولۇپ، ئىنگلىزچە Sabit Damulla ۋە Sabit (Sawut) Damulla Abdulbaqiدەپ يېزىلىدۇ. يەنە ساۋۇت داموللام دەپمۇ يېزىلىدۇ.

ئۇ باشلانغۇچ دىنىي تەربىيەنى ئازاقتا چوڭ ئەلىماخۇنۇم دېگەن كىشىدىن ئالغان. كېيىن قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسىدە ۋە ئابدۇقادىر داموللامدا ئوقۇغان. 1910-191-يىللىرى بۇخارادا ئوقۇپ، ئوقۇشىنى لاياقەتلىك تاماملاپ، بۈيۈك ئىسلام ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن غۇلجىغا كەلگەن ۋە سۈيدۈڭدە ئىسمائىل ھاجى ئىسىملىك كىشىنىڭ قىزى رابىيەگە ئۆيلەنگەن. سابىت داموللامنىڭ ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنتى بار.

سابىت داموللام 1925-يىلى غۇلجىغا بېرىپ، پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈچ يىل غۇلجىدا قۇرئان كەرىمنى ئاغزاكى تەرجىمە-تەپسىر قىلغان.

سابىت داموللام غۇلجىدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئەزىز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىزدەنگەن. بۇنى سابىت داموللامنىڭ 1930-يىلى غۇلجىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا (1901-1965) بىلەن ئۇچراشقاندا ئېيتقان سۆزلىرىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كەلگۈسىدىكى ئىنقىلاب ئىشلىرىنى پىلانلاپ، ئالدى بىلەن ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، شۇ يىللاردا خوتەندىن چۆچەككە بېرىپ، كېيىن غۇلجىغا كەلگەن. غۇلجىدا سىياسىي غايىسى تامامەن ئوخشاش بولغان بۇ ئىككى بۈيۈك ئىنقىلابچى ئالىم تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن. ئۇلار كۆرۈشۈپلا بىر-بىرىنى ئىزدىشىپ يۈرگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى بۈيۈك ئىنسان مۇقەددەس غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشكەن. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خوتەنگە قايتىپ كېلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلغان. سابىت داموللام بولسا 1931-يىلى ئەتىيازدا ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى ئابدۇللاھنى ئېلىپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رۇسىيە ئارقىلىق ھەجگە ماڭغان.

سابىت داموللام بۇ سەپىرىدە ھەج قىلغاندىن كېيىن مىسىر، ھىجاز ۋە تۈركىيەدىكى ئالىملار بىلەن تونۇشقان، پىكىرلەشكەن. تەڭداشسىز ئۆلىما، مۆھتەرەم دوكتور رەشىد رىزا بىلەن نەچچە مەجلىسلەردە بىللە بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرغان. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە تىنىم تاپماي ئىزدەنگەن. ھەر خىل نامدا ئېچىلغان يىغىن ۋە يىغىلىشلارغا قاتناشقان. مەشھۇر خاتىپ شەكىب ئارسلاننىڭ «مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن ئارقىدا قېلىپ، باشقىلار ئىلگىرىلەپ كېتىدۇ؟» قاتارلىق كىتابلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىققان. سابىت داموللام بۇ جەرياندا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ئويلانغان.

سابىت داموللام ئىككى يىلغا سوزۇلغان بۇ سەپىرىدە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق ئىسلام دۆلىتى ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر ئاللاھدىن باشقا ياردەمچىسىنىڭ يوقلىقىنى، مۇستەقىللىق ئۈچۈن پەقەت ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەن.

سابىت داموللام 1932-يىلى 11-ئايدا ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆز ۋەتىنىگە قاراپ يول ئالغان. ئۇ بۇ سەپىرىدە ناھايىتى كۆپ ئىبرەت ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان. سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان بىر سىياسىي غايىلىك ئالىم كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك مول تەجرىبىلەرنى توپلاپ، ئۆزىدە قەتئىي ئىرادە تۇرغۇزغان.

سابىت داموللام ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇدۇل خوتەنگە بېرىپ، غۇلجىدا ئورتاق پىكىرگە كەلگەن سەپدىشى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشكەن. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بولسا غۇلجىدىن كەلگەندىن بېرى كېچە-كۈندۈز دېمەستىن قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.

1933-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز ئادەملىرىنى ئوۋ مىلتىقى، قىلىچ، چوماق قاتارلىق قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ قاراقاش ناھىيەسىدىكى خىتاي يامۇلىغا ھۇجۇم قىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە غەلىبە قىلىدۇ. ئۇلار ئارقىدىنلا خوتەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ. خوتەندىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى قورقۇپ كېتىپ، قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولىدۇ. نەتىجىدە، قوزغىلاڭچىلار خوتەننى ئۇرۇشمايلا ئازاد قىلىدۇ. خوتەن 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خوتەندە «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلۇپ، بۇ ھۆكۈمەتكە مۇھەممەت نىياز ئەلەم دېگەن كىشى دىنىي داھىي، سابىت داموللام ئالىي مەسلىھەتچى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باش قوماندان بولۇپ سايلىنىدۇ.

1933-يىلى 7-ئايدا سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ چوڭ ئىنىسى ئەمىر ئابدۇللا (شا مەنسۇر) مىڭغا يېقىن ئەسكەرنى باشلاپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.

 

ئىنقىلاب ھارپىسىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت

شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوزغىلىدۇ. تۇنجى قوزغىلاڭ 1931-يىلى خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدا قۇمۇلدىن باشلانغان ئىدى.

ئىسلام ئېچىلدى قۇمۇلدىن باشلاپ،

خىتايلار قاچتى ۋەتەننى تاشلاپ.

تاجاۋۇزچى قانخور خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق ئېزىلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قۇمۇلدىن باشلانغان قوزغىلاڭغا تېزلىكتە ئاۋاز قوشىدۇ. تۇرپان خەلقى مەخسۇت مۇھىتى (1885-1933) ۋە مەخمۇت مۇھىتى (1893-1945) قاتارلىق قېرىنداشلار باشچىلىقىدا قوزغىلىپ چىققان بولسا، ئارقىدىنلا كۇچا خەلقى تۆمۈر ئېلى (تۆمۈر غازى، 1886-1933) باشچىلىقىدا قوزغىلىپ چىقىپ، كۇچا ۋە ئاقسۇلارنى خىتايلاردىن تازىلايدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بىرىنچى بولۇپ ئوق ئاتقان خوجىنىياز ھاجىم پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈمىدى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەممىسى بىردەك خوجىنىياز ھاجىمغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم تۇڭگان ماجۇڭيىڭ بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ئەمەلدارى جىن شۇرىن بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا، تۆمۈر غازىنى كۇچادىن ئاتلىنىپ قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ.

خوجىنىياز ھاجىم ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلەشكەن بولسىمۇ، ماجۇڭيىڭنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قىلغان خىيانىتى سەۋەبلىك، بۇ ئىككى كۈچنىڭ ئىتتىپاقى ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشماي بۇزۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىپ ياتقان تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ئەمەلدارى جىن شۇرىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تىزگىنىنى ئاللىقاچان سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇپ قويغان ئىدى. ئەمما بۇمۇ رۇسلارنى رازى قىلالمايدۇ. رۇسلار 1933-يىلى 4-ئايدا جىن شۇرىننىڭ ئورنىغا شېڭ شىسەينى (1897-1970) «دوبەن» (نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى) ئۇنۋانى بىلەن ئۈرۈمچىگە ھاكىم قىلىپ ئولتۇرغۇزىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا تۇڭگانلاردىن قاتتىق رەنجىگەن خوجىنىياز ھاجىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۈلھى قىلىشى بىلەن 6-ئاينىڭ 22-كۈنى شىڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا «فۇكاڭ مۇئاھىدىسى» ئىسىملىك توختام تۈزۈشىدۇ. بۇ توختامنىڭ روھى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلىدىن باشلاپ جەنۇبىي قىسمى خوجىنىياز ھاجىمنىڭ باشقۇرۇشىدا بولاتتى. شۇنداق قىلىپ خوجىنىياز ھاجىم بىر دۈشمىنىنى ئىككى قىلىۋېلىپ، ماجۇڭيىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، جەنۇبقا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي خوتەن ئىنقىلابچىلىرىنىڭ غەلىبە قىلىپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققانلىقى، ئارقىدىنلا تۆمۈر غازىنىڭ ئاقسۇدىن قەشقەرگە قاراپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرى قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان قەشقەر يېڭىشەھەردە تۇرۇشلۇق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى بېسىپ ياتقان ئەسكەرلىرىنىڭ دىۋىزىيە قوماندانى جىن شۇجى قورقۇپ كېتىپ، زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالىدۇ. چۈنكى خىتايلار ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى ياخشى بىلەتتى.

بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر تەرەپلىرىدە كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلاردىن ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرغان قەشقەرنىڭ ئۇچۇق پىكىرلىك مۇنەۋۋەر كىشىلىرى يىغىلىپ، «ئىستىقلال جەمئىيىتى» ئىسىملىك بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ تەشكىلات شۇ زامان شارائىتىغا كۈرە يۇقىرى ئېھتىيات بىلەن ئۆز خىزمىتىگە كىرىشىدۇ.

1933-يىلى 3-ئايدا ئوسمان ئېلى باشچىلىقىدىكى قىرغىز ۋە ئۇيغۇر ئەسكەرلەر قەشقەرنى ئازاد قىلىدۇ. ئوسمان ئېلى ئۆزىنى سىجاڭ دەپ جاكارلايدۇ. گېنېرال تۆمۈر قوشۇنلىرى بىرقانچە قېتىملىق قاتتىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن، 1933-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى قەشقەر شەھىرىگە كىرىدۇ. شەھەرنىڭ كاتتىلىرى شەھەر سىرتىغا چىقىپ، ئۇلارنى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شەھەرنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى گېنېرال تۆمۈرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ، پەرمان، بۇيرۇقلار «ئەمىرۇلمۇمىنىن» (مۇئمىنلەرنىڭ باشلىقى) تۆمۈر غازى نامىدىن چىقىرىلىدۇ.

خوتەن ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، سابىت داموللام بىلەن ئەمىر ئابدۇللاھ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان ۋاقتىدا، خوجىنىياز ھاجىم ۋە مەخمۇت مۇھىتى قىسىملىرى ئاقسۇدا ئىدى. سابىت داموللام 1933-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بۈيۈك مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ. سابىت داموللام بىلەن ئەمىر ئابدۇللاھنىڭ قوشۇنى تولۇق قوراللانغان 600 ئاتلىق ئەسكەر ۋە پالتا، كەكە، چوماقلار بىلەن قوراللانغان 400 ئەتراپىدا ئەسكەر ئىدى. قەشقەر خەلقى بۇلارنى تولىمۇ داغدۇغىلىق قارشى ئالىدۇ. بۇلار قەشقەر شەھىرىگە قاراپ ماڭغاندا، ئونمىڭلىغان قەشقەر خەلقى يولنىڭ ئىككى قىرغىقىدا تۇرۇپ «ئاللاھۇئەكبەر» دەپ ئۈنلۈك توۋلىشىپ تۇرىدۇ. سابىت داموللام، ئەمىر ئابدۇللاھ، زىرىپ قارى ھاجىملار مويدىن جان باينىڭ بېغىغا چۈشكۈن قىلىدۇ.

سابىت داموللام بىلەن ئەمىر ئابدۇللا قەشقەرگە كەلگەن مەزگىلدە قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئەسكەرلىك سۈپىتى بىلەن تۆت قىسىم قوراللىق كۈچ بار ئىدى.

بۇلار:

1. تۇڭگانلار. بۇلار باشقىلار بىلەن ئاشكارا دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە ئىدى.

2. گېنېرال تۆمۈرنىڭ تۇرپانلىق، كۇچالىق ۋە قەشقەرلىك ئەسكەرلىرى.

3. جانبېكنىڭ قىرغىز قوشۇنى.

4. يۈسۈپجان قۇربېشى، سېتىۋالدىجان قۇربېشىلارنىڭ مۇھاجىر ئۆزبېك قوشۇنى.

سابىت داموللام ھەقىقىي بىر دۆلەت ئادىمى ئىدى. ئۇ بىر مىنۇتنىڭمۇ بوش ئۆتۈپ كېتىشىنى خالىمايتتى. ئۇ تەشۋىقاتنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگەچكە، قەشقەرگە كېلىپ ئەتىسى، يەنى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى قەشقەردە ھەپتىدە بىر سان نەشر قىلىنىدىغان «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» ناملىق گېزىتنى نەشر قىلدۇرغان. گېزىتنىڭ سەھىپە مەزمۇنىنى «دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىت» دەپ بېكىتكەن.

سابىت داموللام ۋە ئەمىر ئابدۇللاھلار قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۈركىلىشلەر ۋە بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بېرىدۇ. شۇ چاغدا قەشقەر قازىسى مۇناپىق ئابدۇغوپۇر شاپتۇل: «خوتەنلىك بىلەن جىھاد قىلىش پەرز» دەپ پەتىۋا بەرگەن. بۇ پەتىۋادىن كېيىن سابىت داموللام بىلەن ئەمىر ئابدۇللاھلار 8-ئاينىڭ 7-كۈنى گېنېرال تۆمۈر تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنىپ، ئەسكەرلىرى قورالسىزلاندۇرۇلىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا گېنېرال تۆمۈرنىڭ لاياقەتسىزلىكى ۋە سابىت داموللاملارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق رەنجىگەن قوماندان ئوسمان ئەسكەرلىرى بىلەن تاغقا چىقىپ كېتىدۇ. خېلىدىن بېرى يېڭىشەھەردە مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇپ، پۇرسەت كۈتۈۋاتقان ما جەنساڭ قەشقەردە پەقەت گېنېرال تۆمۈرنىڭلا قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىخۇدلاشقان پەيتىنى پەملەپ تۇرۇپ، گېنېرال تۆمۈر 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ماشىنا بىلەن شەھەر سىرتىغا كېتىۋاتقاندا پىستىرما قۇرۇپ، ھەمراھلىرى بىلەن قوشۇپ شېھىت قىلىدۇ. نەتىجىدە قەشقەر شەھىرى تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. شۇ كۈنىدىكى ئۇرۇش جەريانىدا سېتىۋالدىجان قۇربېشى ئەمىر ئابدۇللاھ بىلەن سابىت داموللامنى نەزەربەندتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئەمىر ئابدۇللاھ دەرھال يەكەنگە ئاتلىنىپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنى توپلاشقا كىرىشىدۇ. سابىت داموللام ئاتۇشقا چىقىپ پاناھلىنىۋاتقان قوماندانلار بىلەن قەشقەرنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ پىلانىنى تۈزەيدۇ ۋە تاغقا چىقىپ كەتكەن ئوسمان قىرغىزنى تەكلىپ قىلىپ، كۈچىنى يېڭىباشتىن تەشكىللەيدۇ. ئۇلار 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەرگە ئىككى تەرەپتىن ناھايىتى قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، ئاخىر تۇڭگانلارنى يېڭىشەھەرگە چېكىندۈرىدۇ. قەشقەرنى قولغا ئالغان سابىت داموللام قاتارلىق ئىنقىلابچىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تەرەپتىن يېڭىشەھەرگە بېكىنىۋالغان ما جەنساڭ قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەشقەردىكى بارلىق ئىنقىلابچى كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىنى تەييارلايدۇ.

 

- «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتابتىن قىسقارتىپ تەييارلاندى.

 

داۋامى بار...

 

 

 

بۇ خەۋەر 1851 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2020 21:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق