خىتاينىڭ نېپال زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ نېپالنىڭ تىبەت بىلەن چېگرالىنىدىغان غەربىي شىمال قىسمىغا بېسىپ كىرگەنلىكى، ھەتتا توققۇز ئورۇندا قۇرۇلۇش قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نېپال ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ماي ئېيىدىن بۇيان بەش چېگرا رايونىدا نېپالنىڭ 150 گېكتاردىن ئارتۇق يېرىگە بېسىپ كىرىپ، چېگرادىكى دەريا ئېقىنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ۋە نېپالنىڭ سۇ ئاستىدا قالغان زېمىنىنى قوشۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

نېپال پارلامېنت ئەزاسى جىۋان باھادۇر شاھى رويتېر ئاگېنتلىقىغا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ، نېپال تەۋەلىكىدىكى توققۇز ئورۇندا قۇرۇلۇش قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

باھادۇر شاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئون يىل ئىلگىرى نېپالنىڭ يەرلىك خەلقى بۇ يەرگە يول ياسىغاندا، خىتاي بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرمىگەن. ئەمما خىتاي ھازىر بۇ يەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي 10-ئايدىن باشلاپ چېگراغا بۆسۈپ كىرىپ، تۈۋرۈك ئورنىتىپ، يەرلىك يېمەكلىك تەمىناتىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ھەتتا دېھقان-چارۋىچىلارنى قوغلاپ چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نېپال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سېۋا لامسالمۇ خىتاي نېپال زېمىنىغا بېسىپ كىردى، دېگەن خەۋەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرمىگەن.

بۇ خەۋەر 6060 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2020 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق