40 مىڭغا يېقىن ئىشچى خىتايغا قايتىشنى رەت قىلدى

40 مىڭغا يېقىن ئىشچى خىتايغا قايتىشنى رەت قىلدى

29-ماي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان خەۋەرلەرىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇاۋېينىڭ چەتئەلدىكى 40 مىڭغا يىقىن ئىشچى-خىزمەتچىسى خىتايغا قايتىشنى رەت قىلغان.
خەۋەردە خۇاۋېينىڭ چەتئەلدىكى 57 شىركەت ۋە زاۋۇتىنى تاقىغانلىقى، خۇاۋىي شىركىتىنىڭ باش لېدىرى رېن جىڭفېي ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى خىتايغا قايتىپ كېلىشكە چاقىرىق قىلغانلىقى، بىراق 40 مىڭغا يېقىن ئىشچى-خىزمەتچى ئىشتىن ئايرىلسىمۇ، خىتايغا قايتىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئىگىلىنىشچە، بۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىقتىدارلىق تېخنىكلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايتماسلىقى خۇاۋېي شىركىتىگە يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر زەربە بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 998 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2019 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق