خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەرلىرىگىمۇ كۆز تىكتى

شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي يۇتۇۋېلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 70 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۈزلۈكسىز ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاخىرقى يىللاردا يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش، جازا لاگېرلىرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، نارەسىدە ئۆسمۈرلەرنى ئاتالمىش بالىلار باغچىسى نامىدىكى بالىلار لاگېرىغا قامىۋېلىپ مىللىي كىملىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن يوقىتىشقا تىرىشسا، سىرتتا قالغانلارغىمۇ ئارام بەرمەستىن، ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتاي تىلى ۋە ئاتالمىش مەدەنىيىتىنى تاڭماقتا ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە «ناۋاي ئۇستىسى كىنىشكىسى » تارقىتىشقا باشلىغانلىقى ئېنىقلاندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق مىللىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى يوقىتىشنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئەسىر داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كەسىپلىرىگىمۇ چاڭگال سېلىۋاتقانلىقى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا پات-پات چىقىپ تۇرىدىغان سىن ياكى سۈرەتلەردە ئاشكارا بولماقتا.

خىتاي نۆۋەتتە جازا لاگېرلىرىغا مەجبۇرى سولانغان خەلقىمىزگە ئۆگىتىلىۋاتقان ناۋايلىق، ئاشپەزلىك، ئۇسسۇل قاتارلىق كەسىپلەرنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇلارنى ئەسەبىي دىنىي ئىدىيەدىن يىراقلاشتۇرۇش، كەسىپ ئىگىسى قىلىپ ئۆز ئىشلىرىنى قۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ غەمخورلۇقى دەپ جار سالماقتا.

بۇ خەۋەر 2818 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2020 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق