تەيۋەننىڭ سابىق ئەمەلدارى خىتايغا ئاخبارات يەتكۈزگەن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن جاسۇسلۇق دېلوسى قايتا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، تەيۋەن سابىق ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى خىتايغا ئاخبارات يەتكۈزگەنلىك بىلەن گۇمان قىلىنغان.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى قانۇن بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر تەيۋەندە خىتايغا ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرسە، بۇ تەيۋەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە تېخنىكا سانائىتى ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۈچ سابىق ئەمەلدارى خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، خىتايغا ئاخبارات يەتكۈزگەن. تەيۋەن ئەدلىيە مىنىستىرلىكى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۈچ كىشىنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇرغان. تەكشۈرۈشتىن كېيىن تەيبېي رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى جاڭ چاۋرەننىڭ «دۆلەت ئاخبارات خىزمەت قانۇنى» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جېڭ يۈنپېڭ چارشەنبە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «خەلقئارا جەمئىيەت ھازىر خىتاينى قورشاۋغا ئالدى. ئەگەر تەيۋەن ئەمەلدارلىرى جاسۇسلۇققا چېتىلىپ قالسا، بۇ تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي-تېخنىكا سانائىتى ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەن بۇ تەكشۈرۈشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى بىلەن سوتلانغان تۇنجى دېلو بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن... بۇ تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىققا نىسبەتەن ياخشى بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 807 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2020 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق