بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئامېرىكىنى خىتاي خاككېرلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى سەيشەنبە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىگە چېتىشلىق تور سىستېمىسىنى نىشانلىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئاگاھلاندۇرۇشىدا كۆرسىتىلگەن يوچۇقلار تور بىخەتەرلىكى كەسپىي خادىملىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئېنىق ئىكەن. بۇ ئورگان تۇنجى قېتىم بۇ يوچۇقلارنىڭ خىتاينىڭ قوللىشىدىكى خاككېرلىق ھەرىكىتىنىڭ نىشانى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بازىسىدىكى تور قوغدىغۇچىلارنى ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۈندىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدا، بۇ خاككېرلارنىڭ ھەمىشە خىتاي كوممۇنىستلىرى قوللىغان خاككېرلارنىڭ تور جاسۇسلۇقىدا قوللىنىدىغان بىر قاتار تاكتىكا ۋە تېخنىكىلارنى ئىشلىتىدىغانلىقى، سەزگۈر ئەقلىي مۈلۈك، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ئۇچۇرلار ساقلانغان كومپيۇتېر تورىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى تور ھۇجۇمى ۋە تور جىنايىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 815 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2020 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق