ئامېرىكا ئەلچىسى ئۇيغۇر جەمئىيەت ھەيئەتلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېتېر خۇكسترانىڭ ۋەكىلى چېلې ئەپەندى گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ھەيئەت ئەزالىرى بىلەن چۈشلۈك تاماق زىياپىتىدە بىرگە بولدى.

زىياپەتتە جەمئىيەت ھەيئەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، قۇل قىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش مەقسەت قىلىنغان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردى.

باش ئەلچى ۋەكىلى جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى، شۇنداقلا مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئاخىردا جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ باش ئەلچى پېتېر خۇكستراغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەسۋىرلىنىپ توقۇلغان بىر پارچە گىلەم ھەدىيە قىلدى.

جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېتېر خۇكسترا مەخسۇس زىيارەتتە بولماقچى بولغان بولسىمۇ، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆزىگە ۋاكالىتەن چېلې ئەپەندىنى زىيارەتكە ئەۋەتكەن.

 

بۇ خەۋەر 1167 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2020 17:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق