ئامېرىكا پارلامېنت گۇرۇپپىسى تەيۋەنگە ئالاقىدار كۆپلىگەن تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ چەكلىمىسىنىڭ بوشىتىلىشىنى قوللاش، قەرەللىك قورال سېتىپ بېرىش ۋە تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تەكلىپلەرنى سۇنغان.

مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 116-نۆۋەتلىك ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ مۇددىتى كېلەر يىلى 3-يانۋاردا توشىدىكەن. ئەگەر بۇ مۇددەت ئىچىدە قانۇن لايىھەسى ماقۇللانمىسا ئىناۋەتسىز بولىدىكەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى بىراقلا كۆپلىگەن تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى يامان غەرەزلىك تەسىرىگە قارشى تۇرۇش، ئامېرىكىنىڭ 5G ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇشتىكى رەھبەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ب د ت دىكى تەسىرى ناچار ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەكلىپتىكى يەتتە تۈرلۈك قانۇن لايىھەسى تەيۋەن بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشقا چاقىرىشنى، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشىنى قوللاشنى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان «تەيۋەن مۇداپىئە قانۇنى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەزكۇر تەكلىپتە يەنە «تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق سىمۋولى قانۇنى»، تەيۋەننىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «تەيۋەن كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىق قانۇنى»، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىدا تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان «تەيۋەن ئادىل ئىشقا ئېلىش قانۇنى»، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئارقىلىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەيۋەنگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغان «تەيۋەن ھەمكارلىق جەمئىيىتى قانۇنى» ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەكى كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن. خىزمەت گۇرۇپپىسى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك قىلمىشلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا 400 دىن ئارتۇق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە كىرگۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 787 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2020 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق