كۆك ئاي جەمئىيىتى ياردەم خىزمىتىنى ئاكتىپ ئىجرا قىلماقتا

ئۆز خەۋىرىمىز: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى 20-ئۆكتەبىر يەنە ئەمگەك كۈچى بولمىغان بىر تۈركۈم ئائىلىلەرگە تازىلىق بۇيۇمى، نەق پۇل ۋە يېمەكلىك تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي جەمئىيىتى خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئۆي ئىجارىسى تۆلەشتە قاتتىق قىينىلىۋاتقان 350 ئائىلىگە 1000 لىرادىن نەق پۇل تارقىتىپ بەردى. ئۇندىن باشقا يەنە 700 ئائىلىگە گۈرۈچ، ماي، شېكەر، زەيتۇن قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ۋە باشقا تازىلىق بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى. بۇلاردىن سىرت، كۆك ئاي جەمئىيىتى ئالدىنقى ھەپتە يەنە قىز-ئاياللارغا 500 كىشىلىك ئاياغ تارقىتىپ بەرگەن.

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇھاجىرەتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا. شۇنداقلا خەلقئارادا ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلات ۋە ۋەقفىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ياردەم قىلىشىدا ۋاسىتىلىك رول ئوينىماقتا.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1080 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2020 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق