شىمالى سىپرۇس سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

18-ئۆكتەبىر شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.


سايلامدا ئەرسىن تاتار (Ersin Tatar) 52.12% ئاۋازغا ئېرىشىپ، شىمالىي سىپروسنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى. بۇرۇنقى پىرېزىدېنت مۇستافا ئاكىنجى (Mustafa Akıncı) بولسا %47.88 ئاۋازغا ئېرىشتى.

سايلامنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنت ئەرسىن تاتار قىبرىس خەلقىگە سۆز قىلىپ: «مېنى سىپرۇس خەلقى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بېلەت تاشلاش ئارقىلىق پىرېزىدېنتلىققا سايلىدى. مەن بۇ يەردە بېلەت تاشلىغان ۋە بېلەت تاشلىمىغان ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتىمەن. بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى قۇتۇپلىشىش ئەمەس، ئىتتىپاقلىق ۋە بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە شىمالىي سىپروس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش. پەرزەنتلىرىمىز ۋە كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بۇ زېمىندا خاتىرجەم ياشىيالىشى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت» دېدى.

سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان تېلېفون ئارقىلىق سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ئەرسىن تاتارنى تەبرىكلىدى.

بۇ خەۋەر 817 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2020 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق