ئامېرىكا ئىران بىلەن سودا قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 19-ئۆكتەبىر ئىران تىرانسپورت شىركىتى (IRISL) بىلەن سودا قىلغان خىتاي ۋە خوڭكولۇقلارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئالتە شىركەت ۋە ئىككى شەخسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى پومپېيو بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تىرانسپورت شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئالتە ئورۇن ۋە ئىككى شەخسنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

باياناتتا رېندا پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، رېندا ھاۋا تىرانسپورتى قاتارلىق ئالتە شىركەتنىڭ ئىراننىڭ تىرانسپورت كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىش، تەمىنلەش ياكى يۆتكەش قىلمىشى سەۋەبلىك جازالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

جازالاش تىرىملىكىدە يەنە رېندا پاي كونترول گۇرۇھى (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چېن گوپىڭ ۋە شىركەتنىڭ رەئىسى خې يى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يېڭىلانغان تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، رېندا پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شاڭخەيدە بولۇپ ، قالغان بەش شىركەتنىڭ ئورنى خوڭكوڭدا ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يەنە رېندا شىركىتىنى ئىران تىرانسپورت شىركىتى ۋە ئۇنىڭ شاڭخەيدىكى تارماق شىركىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ جازاسىدىن قېچىشىغا ياردەم بەردى، دەپ ئەيىبلىگەن.

پومپېيو باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «بۈگۈن بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردۇق. ئەگەر ئىران تىرانسپورت شىركىتى بىلەن سودا قىلغانلار بايقالسا، ئامېرىكا تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىش خەۋپى بار» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىتاي شىركەتلىرىنى ۋە شەخسلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشى پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ 2018-يىلى ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارىدىن كېيىن ئىجرا قىلغان ئەڭ يېڭى جازاسى ئىكەن. بۇ يىل 9-ئايدا ئالتە خىتاي شىركىتى ۋە ئىككى خىتاي پۇقراسى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازا قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 862 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2020 16:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق