فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئون نەچچە ئىسلام تەشكىلاتىنى تاقاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسنىڭ 20-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئون نەچچە ئىسلامىي جەمئىيەتنى تاقاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 16-ئۆكتەبىر بىر چېچەنلىك مۇسۇلمان ياش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجىۋى رەسىمىنى سىزىشنى پىكىر ئەركىنلىكى دەپ دەرس ئۆتكەن فىرانسىيەلىك ئوقۇتقۇچىنى بوغۇزلاپ تاشلىغان. بۇ قانلىق پاجىئەدىن كېيىن دۈشەنبە كەچتە پىرېزىدېنت ماكرون دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھۆكۈمەتنىڭ 51 ئىسلامىي تەشكىلاتنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق «ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە جەمئىيەتنى تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئىسلامىي تەشكىلاتلار «فىرانسىيەلىك ئوقۇتقۇچىغا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك سىنلارنى مەسئۇلىيەتسىزلەرچە تارقاتتى، بارلىق مۇسۇلمانلارنى قوزغىلىشقا چاقىرىپلا قالماي، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىدىغان بۇنداق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قاراپ تۇرماسلىق كېرەك، دېگەندەك تەھدىتلەرنى تارقاتتى، دەپ ئەيىبلەنگەن.

فىرانسيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن فىرانسىيەدە ئىسلام دىنىغا بولغان ئەندىشىنىڭ ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ يەنە بىر قېتىم كۈچەيگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى جۈمە سامۇېل پاتى ئىسىملىك بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى پارىژ شەھەر ئەتراپىدىكى مەكتىپىگە يېقىن يەردە 18 ياشلىق بىر چېچەنلىك مۇسۇلمان تەرىپىدىن بوغۇزلاپ تاشلانغان. مەزكۇر ئوقۇتقۇچى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن دەرس جەرياندا سۆز ئەركىنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەسخىرە قىلىنغان ھەجىۋى رەسىمنى كۆرسەتكەن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 870 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2020 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق