بېيجىڭدا كىچىك كۆلەمدىكى نامايىش يۈز بەردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى يۈزلىگەن ئائىلە باشلىقلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بېيجىڭنىڭ چاۋياڭ سودا رايونىدىكى ئىلغار مائارىپ مەركىزىگە يىغىلىپ، بېرىلمىگەن ئىش ھەققىنى تولۇقلاشنى ۋە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى ۋە باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان نامايىشنى ئائىلە باشلىقلىرى قوزغىغان. نامايىش جەرياندا يوللار قىسقا مۇددەت توسۇلۇپ قالغان. نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر بىردەك «پۇلنى قايتۇر» دەپ شوئار توۋلىغان. ئاز دېگەندە بىر نامايىشچى نەق مەيداندىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، نامايىشچىلار يەنە «تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بەر» دەپ توۋلىغان. كېيىن ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن كىشىنى قويۇپ بەرگەن.

مالىيە-ئىقتىساد تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بېيجىڭدىكى ئىلغار مائارىپ مەركىزىگە بېرىپ، ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەركەزنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى، ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنىڭ دۆۋىلەپ تىزىپ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان. مۇخبىر كۆپ قېتىم شىركەت باش ئىشتابى ۋە مۇلازىمەت نومۇرىغا تېلېفون قىلغان، ئەمما قارشى تەرەپ جاۋاب قايتۇرمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەت بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ۋەيران بولمايدىغانلىقىنى، بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئىلغار مائارىپ» 1999-يىلى قۇرۇلغان. 2006-يىلى مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ مۇتەخەسسىسلەرگە ئىگە بولغان ۋە خىتايدىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە مىڭلىغان مەكتەپ رايونى تەسىس قىلغان. 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ نورمال بولماسلىقى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلىدىن تارتىپ يۇقۇم سەۋەبىدىن، مائارىپ ۋە تەربىيەلەش كەسپى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان.

بۇ خەۋەر 920 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2020 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق