رىم پاپاسى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىرىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىندىئانا ئىشتاتىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزاسى تود ياڭ بىلەن ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى تىم كەين بىرلىكتە رىم پاپاسى فىرانسىسقا مەكتۇپ يېزىپ، پاپانىڭ خىتاينىڭ دىنلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان.

مەكتۇپتا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئومۇمىي تېررورلۇق سىياسىتىنى قوزغاپ، بەش مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى لاگېرغا قامىغانلىقى، لاگېردىكىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بولسا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمىگەنلىكى، خىتاينىڭ سانسىزلىغان ئاياللارنى مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، بۇلتۇر شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇش نىسبىتىنىڭ %24 تۆۋەنلىگەنلىكى، بۇنىڭ نوپۇس يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق بىلەن باغلىغانلىقى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادقا قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاتىكان ھازىر خىتاي بىلەن پوپلارنى تەيىنلەش توغرىسىدىكى ئىككى يىللىق ۋاقىتلىق كېلىشىمنى ئۇزارتىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېلىشىمنىڭ ئۇزارتىلىشىنى تەنقىد قىلغان. شۇنداقلا پاپانى خىتاينىڭ دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇشلىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ۋاتىكاننى ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تود ياڭ ۋە تىم كېن مەكتۇپىدا يەنە ۋاتىكان بىلەن خىتاينىڭ پوپلارنى تەيىنلەش كېلىشىمىنى ئۇزارتىش سۆھبىتىنى تىلغا ئالغان. ئۇلار كېلىشىمنىڭ ئۇزارتىلىشىغا بىۋاسىتە قارشى تۇرمىغان، ئەكسىچە پاپا فىرانسىسنى سۆھبەت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇشلىرىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 1186 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2020 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق