خىتاي چەتئەل مۇخبىرلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 19-ئۆكتەبىر مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز بۇ يەردە ئولتۇرغان مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت دىپلوماتلىرىنى شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

جاۋ لىجيەن سۆزىدە بارلىق جىنايەتلىرىگە تانغان ھالدا: «چەت ئەللىكلەر خىتاينى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى، دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. بۇ خىتايغا قارشى كۈچلەر خىتايغا قارا چاپلاش مەقسىتىدە قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان سۆزلەر. ئۇلار "ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت" دېگەن قالپاقنى خىتايغا ھەرگىز كىيگۈزەلمەيدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

جاۋ لىجيەن سۆزىدە يەنە: «پىرىنسىپچان، ئادىل بولغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىشىنى ئىزچىل قارشى ئالىمىز. شۇنداقلا بۇ يەردە ئولتۇرغان مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ، ئۇ يەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن.

خىتاي بىر نەچچە يىلدىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.

ئالدىنقى ئايدا، يەنى 15-سېنتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىنمۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان، شۇنداقلا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا زىيارەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 756 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2020 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق