خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى تېزلەتتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى تېزلىتىپ، شەرقىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىغا ئىلغار باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يېڭى شەرق شامىلى-17 تىپلىق ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى شەرقىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، مەزكۇر بومبىنى خىتاي ئون نەچچە يىل ئىشلەتكەن شەرق شامىلى-11 ۋە شەرق شامىلى-15 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئورنىغا تەدرىجىي ئالماشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرق شامىلى-17 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە مۇساپىسى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2500 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ فۇجيەن ۋە گۇاڭدۇڭدىكى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى ۋە راكېتا قىسمىنىڭ بازىسى كېڭەيتىلىپ، شەرق ۋە جەنۇبتىكى بازىلاردا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. گۇاڭدۇڭدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى يېڭىلانغان ھەمدە يېڭى تىپتىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى تەيۋەننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما شەرق شامىلى-11 ۋە شەرق شامىلى-15 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسى تەيۋەننىڭ شەرقىدىكى تەيدوڭ ۋە خۇاليەندىكى بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا يەتمەيدىكەن. بۇ تەييارلىقلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1063 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2020 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق