خىتاي يېڭى قانۇن ماددىسى ئارقىلىق ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىشقا يول ئاچتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سودا، تېخنىكا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش قانۇنىنى ماقۇللاپ، ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىشقا يول ئاچقان.

مەزكۇر قانۇن ماددىسىدا ئەمەلىي شارائىتقا ئاساسەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق دۆلەت ياكى رايونغا قارىتا ئوخشاش تەرىقىدە تەدبىر قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مەزكۇر قانۇن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، خىتايدىن چەت ئەلگە يۆتكەلگەن باشقۇرۇلىدىغان بۇيۇملار، شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلاتلار چەت ئەلگە يەتكۈزۈپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بۇيۇملار بۇ قانۇن ماددىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىكەن.

بۇ قانۇندا يەنە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى چەت ئەلدىكىلەرگە تەمىنلەشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئەگەر چەت ئەل تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇلارنىڭ خىتاي قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ۋە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى، بەش مىليون يۈەن ياكى «قانۇنسىز» سودا قىممىتىنىڭ 20 ھەسسىسىگە باراۋەر جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ يېڭى قانۇننىڭ ئامېرىكا ئورىكېل (Oracle) شىركىتىنىڭ تىك توكنى سېتىۋېلىش ھەققىدىكى سودا سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەھلىلچىلەر بۇ قانۇننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە قانۇنىي باھانە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 895 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2020 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق