ياشانغانلار ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نى قايتىدىن باشتىن كەچۈرمەكتە

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا مەلۇم بىر ئۇيغۇر موماينىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى ۋە شى جىنپىڭنى مەدھىيەلەپ خىتايچە قىزىل ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندىمۇ ئوخشاشلا يەنە بىر ئۇيغۇر موماينىڭ ئۆزىنى سىنغا ئېلىۋاتقان خىتايلارغا خىتاي كومپارتىيەسىنى ۋە ماۋزېدۇڭنى مەدھىيەلىگەن خىتايچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇندىن بۇرۇنمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ، ھەتتا كىچىك بالىلارنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقالغان ئىدى.
بۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر خىتاي كومپارتىيەسى قوزغىغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نى ئەسلىتىدىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر قىزىل ناخشا ئېيتىشقا، كومپارتىيەنى، مۇستەبىت خىتايلارنى مەدھىيەلەشكە مەجبۇرلانغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارغا كوممۇنىزم ئىدىيەسىنىمۇ زورلاپ تېڭىش ئۈچۈن تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 3343 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2020 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق