مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار سىنلار داۋاملىق تارقالماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا مەجبۇرىي ئەمگەك مەقسىتىدە سۈرگۈن قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئاياغ زاۋۇتىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش ئاتا-ئانىسىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىگەن.

يەنە بىر سىندا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن تەركىب تاپقان، كۆپىنچىسى ئاياللار بولغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنىڭ ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىقى، خىتايلارنىڭ بىر چەتتە نازارەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر سىندا بولسا بىر توپ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ مەلۇم بىر يېزىدىكى دەرەخلەرنىڭ تۈۋىگە قىر ياساپ، سېمونت بىلەن سۇۋاۋاتقانلىقى، ھاشارغا قاتناشقانلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ياشاۋاتقانلىقىنى جار سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قېرى-ياش دېمەستىن سۈرگۈن قىلىپ، قۇل ئورنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 3410 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2020 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق