ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ تەيۋەن ئەمەلدارىنى زىيارەت قىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې بۇ ھەپتە ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىتلىكى، تەيۋەن-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ۋە تۆت تەرەپ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان تاراتقۇلىرى تەيۋەننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس زىيارەتنىڭ سىن ۋە يېزىق نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان. پىروگرامما رىياسەتچىسىنىڭ بىرىنچى سوئالى بۇ زىيارەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ سوئالىدا خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبى ۋە تەيۋەننىڭ ھىندىستاندىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيېنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ ناچارلاشقان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «خىتاينىڭ ھىندىستان خەلقى ياكى تاراتقۇلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى تەيۋەننىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشىدا تەيۋەنگە زىت قىممەت قاراش گەۋدىلەنگەن. تەيۋەن دېموكراتىك دۆلەت، ھىندىستان بىلەن ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە. بىز ھىندىستان خەلقىنىڭ بىز بىلەن بىللە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق».

ۋۇ جاۋشيې سۆزىدە تەيۋەننىڭلا ئەمەس، بەلكى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى قوشنا دۆلەتلەر، جۈملىدىن ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدىكى ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتاي تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ۋۇ جاۋشىي سۆزىدە يەنە تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ ھىندىستاندىكى مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ ھىندىستانغا ئىككى مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ھىندىستاندا 65 مىڭ ئىش ئورنى ياراتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا كەلگۈسىدە تەيۋەن بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەت زەنجىرىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 799 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2020 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق