خىتاي ئامېرىكىغا خىتايدىكى ئامېرىكىلىقلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەققىدە تەھدىت سالدى

«ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ 17-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي ئارمىيەسى تەتقىقاتچىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ خىتايدىكى ئامېرىكىلىقلارنى تۇتۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىنى ئەرز قىلغانلىقىغا قايتۇرغان جاۋابى ئىكەن. خىتاي بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. خىتاي ئامېرىكىغا بىۋاسىتە تەھدىت سېلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە ئاكادېمىكلارنى ئەيىبلەشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا خىتايدىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قېلىشى» مۇمكىنلىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا بۇ يىل يازدا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم خىتاي زىيارەتچى ئالىملىرىنى قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىدەك سالاھىيىتىنى يوشۇرغان، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىر باياناتچىسى بۇ ۋەقەنى دەلىللەشنى رەت قىلغان ۋە بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ڭسودا تالاش-تارتىشى، سوتنىڭ ياراشتۇرۇش بۇيرۇقى ياكى خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار ياكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دۇچ كېلىپ قالسا، بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىنىڭ چەكلىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇق» دېگەن.

بۇ خەۋەر 882 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2020 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق