خىتاينىڭ پاكىستان تەۋەلىكىدە بېلىق تۇتۇشى يەرلىك بېلىقچىلارنى نارازى قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان يەرلىك بېلىقچىلىرى خىتاي بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىنىڭ كاراچى پورتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ھالدا خىتاي شىركىتىگە بېلىق تۇتۇش ئىجازەتنامىسى بەرگەنلىكىدىن گۇمانلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستانلىق بېلىقچىلىق مۇنبىرىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەلى شاھ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «خىتاينىڭ تەخمىنەن 12 تال بېلىقچىلىق پاراخوتى كاراچى دېڭىز قىرغىقىغا توختىتىلدى. ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ خىتاي شىركەتلىرىگە بېلىق تۇتۇش ھوقۇقىنى بەرمىسە، خىتاينىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتلىرى قانداقسىگە پاكىستان زېمىنىدا توختىيالايدۇ؟» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار پاكىستان سوت مەھكىمىسىگە كۆپ قېتىم ئەرز قىلغان بولسىمۇ، بىراق سوت ئۇلارنىڭ ئەرزىگە پىسەنت قىلمىغان.

گىۋادار پورتى بېلىقچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇخبىرغا بۇ ھەقتە توختىلىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ شىكايىتىگە قىلچە پەرۋا قىلمىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر پەقەت خىتاينى خۇشال قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، بېلىقچىلىق بىرلەشمىسىنىڭ خىتاينىڭ پاكىستان تەۋەلىكىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، بېلىق تۇتۇش قىلمىشىغا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان.

گېرمانىيە ئاۋازى مۇخبىرلىرى پاكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، ئۇلار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ چوڭقۇر دېڭىز تەۋەلىكىدە بېلىق تۇتۇش ھوقۇقى بەرگەن-بەرمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. بەلۇجىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە رۇخسەت بەرمەكچى بولغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلمىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بېلىقچىلىرىغا مەخپىي ئىجازەتنامە تارقىتىپ بەرگەنلىكىدىن گۇمانلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 946 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2020 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق