ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسىدە خىتايغا زەربە بېرىش سىياسىتى ساقلاپ قېلىندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي 15-ئۆكتەبىر يېڭى پەن-تېخنىكا ئىستراتېگىيەسى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتايغا قارشى سىياسىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى ئىستراتېگىيە پىلانىدا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاقساراينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ «تېخنىكا ئوغرىلاش، ئادىل بازار رىقابىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پۇقراۋى تېخنىكىلارنى مەخپىي ھالدا ھەربىي كۈچىگە ئىشلىتىش» قاتارلىق قىلمىشلىرىنى كۆرمەسكە سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېڭى ئىستراتېگىيەدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە زەربە بېرىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئېلان قىلغان بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلان سۈنئىي ئىدراك، ئېنېرگىيە، كىۋانت ئۇچۇر ئىلمى، خەۋەرلىشىش ۋە تور تېخنىكىسى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ھەربىي ساھە ۋە ئالەم تېخنىكىسى قاتارلىق 20 تېخنىكىلىق ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى روس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكا ئىستراتېگىيەسى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي، ئاخبارات ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق يول خەرىتىسى. پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ رەھبەرلىكىدە سودا مىنىستىرلىكى ئاللىقاچان 30دىن ئارتۇق يېڭى تېخنىكىنى كونترول قىلىپ بولدى. بىز داۋاملىق كونترول قىلىشقا تېگىشلىك تېخنىكىلارنى باھالايمىز ۋە بېكىتىمىز» دېگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشىنىڭ ئامېرىكىغا زور زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشى ھەر يىلى 600 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 752 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2020 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق