خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ئۆچ ئالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ پاختا ئېكسپورتىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىشكە باشلىغان.

ئاۋسترالىيە پاختا سانائىتى شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئادام كەي ۋە ئاۋسترالىيە پاختا مال يۆتكىگۈچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مايكىل بىر باياناتتا خىتاينىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاي توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە پاختىسىنى ئىشلىتىشىنى توسۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاۋسترالىيە سودا مىنىستىرى سايمىن بېرمىڭخام ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پاختا ئېكسپورت شەرتلىرىدىكى ئۆزگىرىشتىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى ئىككى تەرەپ سودىسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ھەرىكەت قوللانماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتايغا ئىزچىل ھالدا پاختا ئېكسپورت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، پاختا ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتنىڭ بىرى ئىكەن. ئاۋسترالىيەنىڭ يىللىق پاختا ئېكسپورتى ئىككى يېرىم مىليارد دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن %65ى خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.

ئاۋسترالىيە «سىدنېي ئەتىگەنلىك باشلامچى گېزىتى»نىڭ 12-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىلىكىدىكى ئېنېرگىيە تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر ۋە پولات-تۆمۈر زاۋۇتلىرى ئاۋسترالىيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدا ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان. پورت خىزمەتچىلىرىگىمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ كۆمۈرىنى چۈشۈرمەسلىككە بۇيرۇلغان.

خىتاي تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى لى كۈيۋېن 13-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە جاۋاب بېرىپ: «خىتاي تاموژنىسى مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت نازارەتچىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە 2018-يىلى خىتاينى «دۆلەت ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ناچارلىشىشقا باشلىغان. بۇ يىل 4-ئايدا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسون خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىرغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كەينى-كەينىدىن ئاۋسترالىيەگە قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئارپا ئىمپورتىغا يۇقىرى دەرىجىدە باج قويغان ۋە ئاۋسترالىيەدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان. خىتاي يەنە ئوقۇغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنى ئاۋسترالىيەگە ساياھەتكە بارماسلىققا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 900 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2020 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق