ئۇيغۇرچە كىتاب-ژۇرنال، ماقالە ۋە قوليازما ئامبىرى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى

تۈركىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئەۋلاد گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە كىتاب-ژۇرنال، ماقالە، قەدىمىي ئەسەر ۋە قوليازمىلار ئامبىرى رەسمىي پۈتۈپ، ئۇيغۇر كىتاب تورى ۋە ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ئامبىرى تورىدا ئېچىۋېتىلدى.

مەزكۇر ماقالە ئامبىرى ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىشلىنىۋاتقان «ئۇيغۇرچە ماقالە، قەدىمىي ئەسەر ۋە قوليازمىلار ئامبىرى» چوڭ تۈرىنىڭ تارماق تۈرى بولۇپ، ئامبارغا ھازىرغىچە 15 مىڭ پارچىغا يېقىن ئۇيغۇرچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن. ماقالىلەر ئاساسەن ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا نەشر قىلىنغان 80 خىلدىن ئارتۇق ژۇرنال، بىر قىسىم ماقالە توپلاملىرى، مەجمۇئەلەر ۋە تور بەتلەردىن ئېلىنغان.

ئۇيغۇر كىتاب تورى بولسا 2017-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 6400 پارچە ماتېرىيال بىلەن تولۇق ئېچىۋېتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 500 پارچە قوليازما ۋە قەدىمىي ئەسەر، 1500 پارچىدىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنال، 4000 پارچىغا يېقىن ئۇيغۇرچە كىتاب مەۋجۇت.

بۇ تۈر 2012-يىلى باشلانغان بولۇپ، بىر نەچچە يىل ئۈزلۈكسىز ماتېرىيال توپلانغان. 2017-يىلىدىن 2020-يىلى 10-ئايغىچە دەسلەپكى قەدەمدە كاتالوگ تاماملانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ماقالىلەر كەڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تور بەت يۈزىدە ئۈچ خىل يېزىقتا ئېچىۋېتىلگەن. ئەۋلاد گۇرۇپپىسى بۇندىن كېيىن ماقالىلەرنىڭ داۋاملىق تولۇقلىنىپ، 50 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ماقالە ئامبىرىغا بۇندىن بۇرۇن تارقىتىلىپ باقمىغان بىر تۈركۈم قىممەتلىك قوليازمىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قىممەتلىك ۋە قولايلىق ماتېرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلىمەكتە. شۇنداقلا خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى يوقىتىش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ كاتتا ئەمگەكنىڭ روياپقا چىقىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.

بۇ خەۋەر 8313 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2020 11:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق