شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈش تەشۋىقاتى داۋاملاشماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردا ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشى ئۈچۈن تېرىلغۇ يەر، تۇرالغۇ ئۆي، ئىجتىمائىي ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، ھەقسىز مائارىپ قاتارلىق زور ئىمتىيازلار بىلەن قىزىقتۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ، كۆچمەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشىنى تېزلەشتۈرۈپ كەلدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا خىتاي ئۆلكىسىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا كېلىپ يەرلىشىپ، تەييار ئۆي-زېمىن، تېرىلغۇ يەر ۋە باشقا ئىمتىيازلاردا باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بىر خىتاي باشقا خىتاي كۆچمەنلەرنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا، جۈملىدىن دىۋىزىيەگە كېلىپ يەرلىشىشكە تەشۋىق قىلغان.

ئۇ تەشۋىقاتىدا شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشكەن خىتايلارغا ھەقسىز سەرەمجانلىق ئۆي، تېرىلغۇ يەر ۋە نەق پۇل بېرىلىدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنىڭ كۆتۈرۈۋېتىلىدىغانلىقىنى، 60 ياشتىن ئاشقانلارغا ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلى بېرىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان كىشىلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغان بىر پەيتتە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچمەن يۆتكەشنى تېزلەشتۈرۈلۈشى خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى دەلىللەپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 3367 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2020 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق