شەرقىي تۈركىستاندا ياشانغانلار قىيىن كۈنلەردە قالماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ياشانغان بوۋاي-مومايلارنىڭ ئېتىز ئىشلىرىدىن چارچاپ ئۇخلاپ قالغان، بازارنىڭ بىر بۇلۇڭىدا مېۋە-چېۋە سېتىۋاتقان، كوچىدىلا ئۇخلاپ قالغان كۆرۈنۈشلىرى بار بولۇپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئەزگەن. يەنە بىر سىندا ياڭاق سېتىش ئۈچۈن بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرغان موماينىڭ كۆز يېشى قىلىۋاتقانلىقى، نەۋرىسىنىڭ خىتايچە «ياردەم قىلىڭلار» دەپ يېزىلغان قەغەزنى تۇتۇپ تۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، بولۇپمۇ كۈتۈنۈشكە موھتاج ياشانغانلارنى ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەرگە دۇچار قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا يۈرگۈزگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرى ئارقىسىدا ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالدى. بۇ سەۋەبلىك ئاياللار، ياشانغانلار ۋە بالىلار يار-يۆلەكسىز قالماقتا.

بۇ خەۋەر 3552 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2020 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق