چاقماق خەۋەر

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەسچىتلەر ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نىڭشيادىكى يىنچۈەن نەنگۈەن مەسچىتىنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق مۇنارلىرىنى ۋە گۈمبەزلىرىنى بۇزۇپ ئېلىۋەتكەن، شۇنداقلا دەرۋازا تېمىدىكى ئەرەبچە خەتلەرنى ۋە نەقىشلەرنى تولۇق چىقىرىۋەتكەن.

خىتاي دىنغا قارشى سىياسىتىنى يېقىنقى يىللاردا ئوچۇق ئاشكارا ئىجرا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئون نەچچە مىڭ مەسچىتنى چېقىپ تاشلىدى. يەنە بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ مۇنارلىرىنى ۋە گۈمبەزلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بىر قىسىم مەسچىتلەرنى خىتايلار ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى، باغچە، تىككۈچىلىك ئورنى، مۇزېي قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتتى.

خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، كۆپلىگەن جايلاردىكى مەسچىتلەر قايتىدىن خىتايچە ئۇسلۇبتا ياساشقا بۇيرۇلغان. شۇنداقلا مەسچىت، ئاشخانىلاردىكى ئەرەبچە يېزىقلار مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلگەن.

بۇ خەۋەر 984 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2020 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق