تۈرلۈك ھاشارلاردىن ياشانغانلارمۇ قۇتۇلالمىدى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ ئېتىزدا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا چارچاپ كەتكەن خەلقنىڭ قۇرۇق نان ۋە سوغۇق سۇ بىلەن قورساق توقلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا قاماشتىن سىرت، لاگېر ئىچى-سىرتىدىكى خەلقنى تۈركۈملەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇلاردىن سىرت دېھقان-چارۋىچىلارمۇ قېرى-ياش دېمەستىن تۈرلۈك ھاشارلارغا سېلىنىپ، نورمال ھايات كەچۈرۈشى قىيىنغا توختىماقتا.

بۇ خەۋەر 3633 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2020 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق